ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ ئىستانبۇل - فاتىھتىكى مەركىزىدە چەتئەللىك مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ بۇ يىغىنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئارسلان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت تۈرلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىغىندا ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم، تۈركىيىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى ۋە سۈرىيە مەسىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
بۇلەنت يىلدىرىم يەنە ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندى توغرىسىدا خەلقئارالىق چەتئەل ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان بەزى توغرا بولمىغان خەۋەرلەرگە چۈشەنچە بەردى.
يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم چەتئەل ئاخباراتلىرىدا ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ سۈرىيەدىكى ياردەم پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن ئاخباراتلار ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، بۇلەنت يىلدىرىم مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ۋە ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ ئەلقائىدە بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى، خىزمەتلەردە مۇستەقىل پائالىيەت قىلىدىغان ياردەم تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى، قاتتىق قۇللۇق ۋە قوراللىق ھەرىكەتكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئىنسانپەرۋەرلىك دىپلوماتىيە خىزمىتى ئارقىلىق سۈرىيىدە تۇتۇلغان كۆپ ساندا مۇخبىرلارنى قۇتۇلدۇرغانلىقىنى، ھەتتە 13 نەپەر ئىرانلىقنى سۈرىيە مۇخالىپلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرغانلىقىنى، يەنىلا كۆپ ساندا چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئەسەد رىجىمى ۋە مۇخالىپلارنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ فوند دۇنيادا 130 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
سوئال - جاۋاب شەكىلدە داۋام قىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا مەن، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا قانداق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانداق تۈردە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى سورىدىم.
مەن يەنە، بۇلەنت يىلدىرىم ئەپەندىدىن، 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئام يۈز بەرگەندە ئېلان قىلغان، كېرەك بولسا غەززىدىكىگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم يۈك ئاپتوموبىللىرى بىلەن چېگىرىدىن ئۆتۈپ بارىمىز، دېگەن باياناتىنى خاتىرىلەتتىم ۋە بۇ ھەقتە ئېنىق بىر پىلان بار - يوقلۇقىنى سورىدۇم.
بۇلەنت يىلدىرىم ئەپەندى مېنىڭ سوئاللىرىمغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئاددى مەسىلە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان مۇئاۋىن رەئىسى ھۆسەيىن ئۇرۇچنىڭ جاۋاب بېرىشىنى سورىدى.
مەن ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۆسەيىن ئۇرۇچ ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق سوئاللىرىمنىڭ جاۋابىغا ئېرىشتىم.
ھۆسەيىن ئۇرۇچ ئەپەندى ئالدى بىلەن ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا ئالاقىدار ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.
ھۆسەيىن ئۇرۇچ ئەپەندى، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارالىق يىغىن ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، ھەر يىلى شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقى دوكلاتى ھازىرلاپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا سۇنۇۋاتقانلىقىنى، كىتاب - ژۇرنال نەشر قىلىش بىلەن بىرگە، خىزمەت - پائالىيەتلەردە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەر يىلى رامىزان ئېيى، روزا ھېيت، قۇربان ھېيت ھارپىلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ بىر يۈرۈش ياردەم خىزمەتلىرى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00