قاتار «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئەرەب تىلىدا تارقىتىلىدىغان ئەلجەزىرە تور ژۇرنىلىنىڭ 10 - سانى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كىملىك ئۈچۈن كۈرەش» دېگەن، سەرلەۋھىدە مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان.
مەزكۇر ژۇرنالدا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە دائىر جەمئىي ئون تېمىدا مەخسۇس ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىلەر ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بېرىپ ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىملىرىغا ئاساسەن تەييارلانغان.
بىز مەزكۇر ماقالىلەر ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىز بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئەرەب تىلىدىكى «ئەلجەزىرە» تور ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېغىشلىغان مەخسۇس سانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى، مائارىپ ۋە شۇنداقلا دىنىي ئېتىقادى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدە توختالغان.
ژۇرنالنىڭ باش قىسمىغا باش تەھرىرنىڭ ئىلاۋىسى بېرىلگەن بولۇپ، سىراجىدىن ئەزىزنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر ماقالىلەردە ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى قانىلىنىڭ ئىككى نەپەر مۇخبىرىنىڭ ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىغا دائىر بەزى مەلۇماتلار كىرگۈزۈلگەن.
ژۇرنالدا ئۇيغۇر رايونىدىكى قەدىمىي شەھەرلەردىن بىرى بولغان قەشقەر ھەققىدىمۇ بەزى مۇلاھىزىلەر بايان قىلىنغان، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» غا ئالاھىدە باھا بېرىلگەن.
«شەرقىي تۈركىستان كىملىكى ئۈچۈن كۈرەش» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدا يەنە، تۇرپاندىكى كارىزلار ھەققىدە توختىلىپ، كارىزلارنىڭ دۇنيا تارىخىي مىراسلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن، خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ سىياسىي ھاياتىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلگەن.
سىراجىدىن ئەزىزى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان ئەلجەزىرە ژۇرنىلىنىڭ بۇ قېتىمقى سانىنىڭ مەزمۇنى ۋە سۈپىتى ھەققىدىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا، ئەرەب دۇنياسىدىكى بۇ خىلدىكى ژۇرناللارلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىكى باشقا نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلارنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىدا يېڭىدىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
سىراجىدىن ئەزىزى ئاخىرىدا، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بۇ سانىنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشىنى ۋە كەلگۈسىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00