ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىدا پارتلاش يۈز بەردى

2013 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بەدىنىگە بومبا تېڭىلغان بىر جىنايەتچىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. پارتلاشتا جەمئىي ئىككى كىشى ئۆلگەن بولۇپ، بىرىنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان تۈرك ئامانلىق ساقلىغۇچى، بىرىنىڭ پارتلاتقۇچى ئىكەنلىكى مەلۇم.

0:00 / 0:00


بۇ ۋەقە بەدىنىگە بومبا تاڭغان كىشى ئەلچىخانىنىڭ ۋىزا بۆلۈمى ئىشىكىدىكى لازىر نۇرلۇق تەكشۈرۈش ئاپاراتىدىن ئۆتۈۋاتقاندا بومبا پارتلاپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان. ۋەقەدىن كېيىن ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى نەق مەيداننى تارقاقلاشتۇرۇپ ئىككىنچى قېتىملىق يۈز بېرىش ئېھىمالى بولغان پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان ۋە ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتكەن. بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە يەنە ئەنقەرە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىمۇ بىۋاستە قاتناشماقتا. نەق مەيدانغا ئەنقەرە ۋالىيسى ئالاھەددىن يۈكسەل، تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى مەمەت قىلىچدار ۋە ئەنقەرە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى قادىر ئاي قاتارلىقلار كېلىپ تەكشۈرۈشنى كۆزەتتى.

ۋەقەدىن كېيىنلا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى:

- ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم ئەسلىدە دۆلىتىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە خەلقىمىزنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىغا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم. بىز بۇلارغا قارشى ئىتتىپاق بولۇپ بۇلارنى يېڭىمىز. شۇنى بىلىڭلاركى، شېھىتلىرىمىزنىڭ قېنىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز.

ئەنقەرە ۋالىيسى ئالاھەددىن يۈكسەل بىلەن ئامېرىكا بۈيۈك ئەلچىسى رېچاردونى بىرلىكتە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ۋەقەدە ئىككى كىشىنىڭ ئۆلۈپ، بىر كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېيتتى.

رىچاردونىي باياناتىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

- ئەلچىخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھۇجۇمدا بىر تۈرك خادىمىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ھۇجۇم تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. تۈركىيە يەنىلا بىزنىڭ دوستىمىز.

تۈركىيە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھاممەر گۈلەر مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ۋەقەدە ئۆلگەن كىشىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىم مۇستافا ئاقارسۇ ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر ئۆلگۈچىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئېنىقلىنىۋاتقانلىقىنى، دىدەم تۇنجاي ئىسىملىق ئايالنىڭ ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە كۈلتۈر ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئۆمەر چەلىك ئەپەندى بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، ھاياتىدىن ئايرىلغان ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىمنىڭ ئائىلىسىگە سەبىر - تاقەت تىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئارقىدىن، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى رەسمىي ھۆججەت تارقاتتى. ھۆججەتتە مونۇلار يېزىلغان:

«2013 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يەرلىك سائەت 13:15 تە بىر پارتلاش يۈز بەردى. ھازىر تۈرك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ئەلچىخانىمىزنى قاتتىق مۇھاپىزەت قىلماقتا. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى نامىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە، ئاخبارات خادىملىرىغا ۋە پۈتۈن تۈرك خەلقىنىڭ بۇ ۋەقەگە بولغان نەپرىتى ۋە بىز بىلەن ئېلىپ بارغان ھەمكارلىقى ئۈچۈن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.»

ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئەنقەرە مەركىزىدىكى ئەلچىخانىلار رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، رادىئومىزنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىغا بىر كېلومېتىر ئۇزاقلىقتا. ۋەقەدىن كېيىن، ئەتراپتىكى پۈتۈن ئەلچىخانىلار ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن. بولۇپمۇ قوشنا ئەلچىخانىلاردىن گېرمانىيە، ئىتالىيە، فرانسىيە ئەلچىخانىلىرى قاتتىق تەدبىر ئالغان بولۇپ، گېرمانىيە بۈيۈك ئەلچىسى ئەبىرخارد پوخل تۈركىيىنىڭ مەرسىن ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىنى توختىتىپ ئەنقەرەگە قايتقان.

ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى بۈيۈك ئەلچىخانىسىنى پارتلىتىش ۋەقەسى نۆۋەتتە جىددىي تەكشۈرۈلمەكتە. بىز خەۋەرنى ئوقۇش ئالدىدا، ھۇجۇم قىلغان كىشىنىڭ سولچى تېرررور تەشكىلاتىغا ئەزا 40 ياشلار چاممىسىدىكى ئەجەۋىت ئىسملىك تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.