ئەنقەرە قاتارلىق جايلاردا جىنازا نامىزى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

28 - ئىيۇن كۈنى، جۈمە كۈنى، تۈركىيىنىڭ 72 ۋىلايىتىدىكى چوڭ جامىئەلەردە لۈكچۈن ۋەقەسىدە شېھىت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلدى. ئەنقەرەدىكى ئەڭ چوڭ جامىلەردىن بىرى بولغان «قوجاتەپە جامى»سىدىكى پائالىيەتكە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇستافا دەستىچىئىئى، تۈركىيە كالدىرلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئىسمائىل قونجۇك، باش كاتىپى فاھرەتتىن يوقۇش، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى مەسئۇللىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

ئەنقەرەدىكى پائالىيەتچىلەردىن بىرى خەيرۇللا ئەفەندىگىلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ جىنازا ناماز پائالىيىتىگە تەخمىنەن ئون مىڭچە ئادەم قاتناشقان.

جىنازا نامىزى پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ۋە تۈرك ئەربابلىرى ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.