5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

«5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 19 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئەنقەرە شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركىيە ۋاقتى 2دىن سائەت 3 كىچە داۋاملاشقان نامايىشقا تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار، تۈرك ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق قەيسەرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارمۇ مەخسۇس ئاپتوبۇس بىلەن قەيسەرىدىن كېلىپ ئىشتىراك قىلدى. تۈركىيە دۆلەت ۋە شەخسى تېلېۋىزىيىلەرنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ كېلىپ نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار بىلەن نەق مەيداندا سۆھبەت ئېلىپ باردى. «5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان بولۇپ، نامايىش غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋىتى قىلىش بىلەن باشلاندى.

بۇ قېتىملىق نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىش رىياسەتچىلىرىدىن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇ، باياناتىدا بۇندىن 19 يىل بۇرۇن بۈگۈنكى كۈندە پەقەتلا ئۆز ھەق ۋە ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان كۆپ ساندا ئۇيغۇر ياشنى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ نامايىش مەيدانىدىلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى، بۇنى ئاز دەپ گۇمانلىق دەپ قارىغان كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشنى ئۆيلىرىدىن تۇتۇپ كېتىپ تۈرمىلەرگە تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ بېسىم سىياسىتىنىڭ 19 يىلدىن بېرى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بېسىم سىياسىتىدىن دەرھال ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، باياناتىنىڭ ئاخىرىدا دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەرنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، بولۇپمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، «5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» 19 يىلدىن بېرى ھەر يىلى دېگۈدەك ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئارقىلىق خاتىرىلەنمەكتە. نامايىش تۈركىيەنىڭ دۆلەت ۋە شەخسى تېلېۋىزىيەلەر تەرىپىدىن تارقىتىلماقتا، گېزىتلەردە خەۋەر قىلىپ يېزىلماقتا.

ئارقىدىن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويغان نامايىشچىلار، قوللىرىدا تۈركىيە بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى، ھەر خىل شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا «غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى، ئۇنتۇمىدۇق، ئۇنتۇمايمىز»، «شىنجاڭ ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك»، «خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن»، «خىتاي ئىلھام توختىنى قويۇپ بەرسۇن، ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك»، «خىتاي ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى قويۇپ بەرسۇن، ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا ئەركىنلىك»، «ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەس»، «تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇخلىما، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق»، «ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان»، «ياشىسۇن تۈركىيە» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى. ئاخىرىدا تۈرك ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويغان نامايىشچىلار، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىن ئايرىلدى.

نامايىش داۋامىدا بىر قىسىم نامايىشچىلارغا مىكرافونىمىزنى ئۇزىتىپ ئۇلارنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرىنى ئىگىلىدۇق. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى ئابلىكىم سەلچۇق ئەپەندى ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن دىلشات ئەپەندى ئۆز تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.