ئەرمىنىيە تەرىپىدىن ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ رايونىدىكى خوجالىدا ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئام تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە «ئەزەربەيجانلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيالىيلار جەمئىيىتى» تەرىپىدىن نامايىش ئارقىلىق خاتىرىلەندى.
نامايىشقا تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى، ئۈلكۈ ئوجاقلىرى، ئەزەربەيجاننىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى، ئىراق تۈركمەن تەشكىلاتى، قىرىم تاتارلىرى تەشكىلاتى، شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەم بەزى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
ئەزەربەيجان بايرىقى، تۈركىيە بايرىقى، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، قىرىم خانلىقى بايرىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر دۆلىتى بايرىقى، ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ بايرىقى قاتارلىق تۈرك ئەللىرىنىڭ بايرىقىنى لەپىلدىتىشكەن نامايىشچىلار«قاراباغ تۈركنىڭ، تۈركنىڭ يۇرتى»، «تاييىپ ئۇخلىما، قېرىندىشىڭنى ئۇنتۇما» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاش بىلەن بىللە يەنە ئەرمىنىيە پرېزىدېنتى ساركىزىياننىمۇ تىلغا ئېلىپ «ساركىزيان ھېساب بېرىسەن» دېيىشتى.
بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان «ئەزەربەيجانلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيالىيلار جەمئىيىتى» باشلىقى ئىلغار قۇربانلى ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئەرمەنىلەرنىڭ 1992-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى خوجالىغا كىرىپ جەمئىي 1300 ئەتراپىدىكى كىشىنى قىرىۋەتكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 613 كىشىنىڭ ئەزەرى ئىكەنلىكىنى، شېھىت بولغان ئەزەرىلەرنىڭ ئىچىدە 83 كىچىك بالا، 106 ئايال ۋە 70 ياشانغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ھەم بۇ شېھىتلەرنىڭ ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نامايىشقا قاتناشقان، تۈركىيە تەۋەسىدە 450 مىڭ ئەزاسى بولغان كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئەزەربەيجاننىڭ بەشتىن بىر قىسىم زېمىنىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، بىر يېرىم مىليون كىشىنىڭ مۇساپىرچىلىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى، قاراباغ رايونىنىڭ ئەزەربەيجانغا تەۋە بىر زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ھەم ئەرمىنىلەرنىڭ بېسىپ يېتىۋالغان ئەزەرى زېمىنىدىن كېتىۋېلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى باياناتىدا يەنە خىتاينىڭمۇ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردىن كېتىشىنى ئېيتتى.
بۇ قېتىملىق نامايىشقا قاتناشقان بارلىق تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئەزەربەيجاننىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرىمۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا بىردەك ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
بىز نامايىش جەريانىدا ئەزەربەيجانلىقلارنى قوللاش ئۈچۈن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.