ئەنقەرەدە چاقىرىلغان «كۈنىمىزدە ئىنسان ھەقلىرى» ماۋزۇلۇق يىغىندا خىتاي قاتتىق ئەيىبلەندى

0:00 / 0:00

ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «كۈنىمىزدە ئىنسان ھەقلىرى» ماۋزۇلۇق يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى قاتتىق ئەيىبلەندى.

تۈركىيە قانۇن ئىنستىتۇتى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ئالىي ئاقيىلدىز ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن سىرت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئارقىدىن ئىراق تۈركمەنلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇلى ماھمۇت قاساپوغلۇ ئىراقتىكى تۈركمەنلەر دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا، جەنۇبىي ئەزەربەيجان ئازادلىق تەشكىلاتى مەسئۇلى مۇسا بەرزىن ئەپەندى، ئىراندىكى ئەزەرىلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا، سۈرىيە تۈركمەنلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇلى زېكى تۈركمەن ئەپەندى بولسا سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان تۈركمەنلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. يىغىندا يەنە دوكتور توغرۇل ئىسمائىل، ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا، نادىر بەكىروف بولسا قىرىم تاتارلىرى دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا، ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى بولسا «ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى ۋە كۈنىمىزدىكى ئىنسان ھەقلىرى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.

بۇ يىغىننى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى ۋە تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا يۇقىرىدىكى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن باشقا ئەنقەرەدىكى سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى، ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە ئۇيغۇر دوستلىرىدىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا سۆز قىلغانلار ھەممە بىردەك ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بېسىمنىڭ پەقەتلا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىلا ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

1948-يىلى ماقۇللانغان ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى خەلقئارادا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنى دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. خىتابنامىدە، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئانىسىدىن تۇغۇلغاندىلا ئىگە بولغان ئەركىنلىكى ئىكەنلىكى، ھەركىمنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشى، ئىنسانلارغا قارىتا تەن جازاسى ئېلىپ بېرىشقا، ئىنسانلارغا يامان مۇئامىلە قىلىشقا، ئىنسانلارنى رەنجىتىشكە بولمايدىغانلىقى جاكارلانغان. بۇ قارار 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇ كۈن دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى دەپ تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.

يىغىن ئاخىرىدا مىكروفونىمىزنى يىغىن ئەھلىگە ئۇزاتتۇق. ئۇلار، ئىنسان ھەقلىرىگە پەقەتلا دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدىلا ئەمەس، ھەر كۈنى كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.