تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئاخشام بەرگەن كاتتا زىياپەتكە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشتى. ئەردوغان تۈركىيە خەلق ئىرادىسى مۇنبىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 173 چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىغا يېڭى سېلىنغان ئوردىسىنىڭ زىياپەت زالىدا زىياپەت بەردى. مەزكۇر زىياپەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتى باشلىقى ئالىمجان بوغدا ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشتى. مۇخبىرلارغا يېپىق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ زىياپەتكە تۈركىيە سىياسىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىدىن بولۇپ، 250 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، زىياپەت جەريانىدا تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈپ، دۆلەت رەئىسى ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بېرىلىشى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە رەھمەت ئېيتقان شۇنداقلا شەرقىي جەنۇبى ئاسيا دۆلەتلىرىدىن تۈركىيەگە كەلگەن مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. تۈركىيەدە قېيىن شەرت - شارائىتتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، شۇنداقلا تايلاندتا تۇرۇۋاتقان 300 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشكە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
0:00 / 0:00