رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇقەددەس بىر ئاي بولۇپ، بۇ ئايدا كىشىلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق كۈچىيىدۇ. بۇ ئاي مۇناسىۋىتى بىلەن 21-ئىيۇن كۈنى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، رەئىسلىك ئوردىسىدا ئىپتار زىياپىتى بەردى.
زىياپەتكە ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن بىلگى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇرات ئورخۇن ئەپەندى تەكلىپ بويىچە قاتناشتى. زىياپەت ئاخىرىدا ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتنى دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا بەرگەن.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىغا بەرگەن ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشقانلىقىنى، مەزكۇر زىياپەتتە تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن سىرت، مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىپتار زىياپىتىدە قىلغان نۇتقىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ بېسىمدىن قېچىپ تۈركىيەگە پاناھلىق تىلىگەن مۇساپىرلارغا ئىگە چىقىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرىلگەن بۇ خىل ئىپتار زىياپەتلىرى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىگە مەسىلىلىرىنى يەتكۈزىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ھېسابلىنىدۇ. 21-ئىيۇن كۈنى ئاقشام دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەرگەن زىياپەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر دوكلاتنى رەئىس جۇمھۇرىغا سۇنغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيە بىلەن خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ قارىلىماقتا. تۈرك ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش سىياسىتى ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. ھىدايەتتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئۆزىنىڭ زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنىشىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قارىلاش تەشۋىقاتىغا ئىشەنمىگەنلىكىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ئىككى ھەپتە بۇرۇن تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بەرگەن ئىپتار زىياپىتىگىمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.
0:00 / 0:00