تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى

0:00 / 0:00


تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بۈگۈن، يەنى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خىتايغا رەسمىي زىيارەتكە مېڭىشتىن بۇرۇن ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودرومىدا خىتاي دۆلىتىگە ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندە، ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ، رەجەپ تايىپ ئەردوغان دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى بولۇپ، بۇ زىيارەتنى ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە كىرگەن، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان بىر پەيتىدە ئېلىپ بېرىشى كىشىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە خىتايغا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارىدىغان رەجەپ تايىپ ئەردوغان مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ زىيارەتتە كۆپ ساندا مىنىستىر، پارلامېنت ئەزالىرى، كارخانىچىلار ۋە مۇخبىر - ژۇرنالىستلارنىڭ ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭ بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ھەمكارلىشىش يوللىرى، دۇنيا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى باشلىقى جاڭ دېجياڭ ۋە خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا گەرچە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمىگەن بولسىمۇ، تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ چوقۇم كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. بۇلاردىن باشقا نۇقتىلىق ھالدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت مۇناسىۋەتلەر، تۈركىيە خىتايدىن سېتىۋالماقچى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

بىز بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، رەجەپ تايىپ ئەردوغان 11 - ئايدا ئانتاليادا ئېچىلىدىغان 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى تەكلىپ قىلغىلى كەتكەنلىكىنى، زىيارەتتە يەنە تۈركىيە - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت مۇناسىۋىتى شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.