ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئۆزگەرمىگەن مۇستەبىتلىك ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئىنقىلابلار

0:00 / 0:00

ھازىرقى ۋاقىتتا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ۋەزىيىتى بىر خىل ئەمەس. ئىراق ۋە سۈرىيىگە ئوخشاش مۇستەبىتلىك بىلەن قاتتىق قول سىياسەت قوللىنىپ باشقۇرۇلۇۋاتقانلىرىمۇ ۋە مىسىر، تۇنىسقا ئوخشاش دېموكراتىيىلىشىشكە قاراپ تىزدىن كېتىۋاتقانلىرىمۇ بار. دېمەك، ئەرەب دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشلەر كۆپ بولماقتا.

لوندوندا چىقىدىغان«ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 1013 - يىلى20 - فېۋرال كۈنىدىكى سانىدا، يازغۇچى مىشئەل سۇدەيرى دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن«ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئۆزگەرمىگەن مۇستەبىتلىك ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئىنقىلابلار»دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«مۇستەبىتلىك ۋە باستۇرۇش تۈزۈمىگە ئاللا لەنەت قىلسۇنكى، مۇستەبىتلىكنى ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ. ئەمما مۇستەبىتلىك تۈزۈمى شۇنچىلىك كۆپ زىيىنى، بالايى - ئاپەتلىرى ۋە تۈرلۈك ۋەھشىيلىكى بار تۇرۇپ، يەنىلا دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بىرلا تەرەپتىن پايدىلىق بولغان ئىدى. بۇ ھەممىگە مەلۇم. مەسىلەن: سادام، مۇبارەك، كازافىي قاتارلىق زالىملار خەلقىنى مۇستەبىتلىك بىلەن باشقۇرغان ۋە ئۇلارنى كۆپ زىيان - زەخمەتلەرگە ئۇچراتقان بىلەن، جەمئىيەتتە مۇقىملىق بار ئىدى. ھازىر ئىراق بىلەن لىۋىيىنى ئالساق، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقلىرى ئۆز ۋەتىنىدە خاتىرجەم تۇرالمايۋاتىدۇ. دۆلەت يىقىلىپ، جەمئىيەت بۆلۈنگەندىن كېيىن، ئويلاپ باقمىغان بالايى - ئاپەتلەر ۋە مۇقىمسىزلىقلار مەيدانغا كەلدى. ئەمما ھەممىسى بۇنداق ئەمەس. مەسىلەن: مىسىر بىلەن تۇنىسنى ئەرەب باھارىنىڭ ئۈلگىلىرى دەپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.»

كونا كېسەل بىر كۈندىلا ساقايمايدۇ

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«ئەرەب باھارىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىنقىلابتىن كېيىنكى ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قارايدىغان بولساق، ھەممىسىدە ئىشلار دېگۈدەك ئوڭشىلىپ بولالمىغان، مۇقىملىق تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى ئەرەب دۇنياسىدىكى ئۇزۇن يىللىق مۇستەبىتلىك تۈزۈمىدۇر. چۈنكى ھازىر ئەرەب باھارى غەلىبە قىلغان دۆلەتلەرمۇ خۇددى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىككە مۇپتىلا بولغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. مۇنداق كېسەل ئادەم بىر كۈندىلا ئورنىدىن تۇرالمىغاندەك، بۇ دۆلەتلەرمۇ مۇنداق تىز ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ. ھازىر ئەرەب دۆلەتلىرىدە بولغان ئەرەب باھارى بىر كېسەل ئادەمنىڭ كېرەكتىن چىققان ئورگىنىنى ئالماشتۇرغاندەك بىر ئوپىراتسىيەگە ئوخشايدۇ. ئورگىنى ئالماشتۇرۇلغان ئادەممۇ ئاستا - ئاستا ئەسلىگە كەلگىنىدەك، ئەرەب باھارى غەلىبە قىلىپ، ھاكىممۇتلەقلەر تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ، دېموكراتىيىنىڭ تېڭى ئاتقان بىلەن يەنە ۋاقىت كېرەك. دۆلەت باشلىقلىرى تەختتىن چۈشۈرۈلگىنى بىلەن ئۇلارنىڭ قول - چوماقلىرى بولغان ئىجراچىلار دۆلەت ئاپاراتلىرىدىن تازىلىنىشى كېرەك. شۇ ۋاقىتتا ئەرەب باھارىنىڭ ھەقىقىي نەتىجىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.»