نۆۋەتتە، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ، بولۇپمۇ غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرى خەلقىنىڭ دىكتاتورىلىققا قارشى ئويغىنىشى بولغان ئەرەب باھارى ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى شۇنداقلا نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشى كۈچلۈك مۇلاھىزىلەرگە سەۋەب بولماقتا.
ئەرەب باھارى ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىنمۇ؟ غەرب مۇلاھىزىچىلىرى ئەرەب باھارى ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىش-كېڭەيمەسلىك مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئەھۋالىغا باغلاپ تەھلىل قىلىۋاتقان بولسا، خىتاي تاشقى ئىشلار تەتقىقاتچىلىرى پۈتۈنلەي رادىكال ئىسلامغا باغلاپ تەھلىل قىلماقتا. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۇن جۇاڭجى يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدە مۇشۇ ئاينىڭ 26 - كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئىسلام دىنى كۈچلۈك بولمىغانلىقتىن بۇ جەھەتتىن غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما ئۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رادىكال ئىسلامنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا باھارىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىردىن-بىر كۈچ بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنى قەيت قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رادىكال ئىسلامنى قاتتىق باستۇرۇشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان خىتاينىڭ بۇ ماقالىسىگە رەددىيە بىلدۈردى. ئۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان يامان غەرىزى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرغىچە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ۋە يۈرگۈزمەكچى بولغان سۇيىقەستلىرىنى مانا مۇشۇنداق سەپسەتىلىرى بىلەن ھەقلەشتۇرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىمۇ ئەرەب باھارىنىڭ كۆتۈرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، بۇنىڭ دىن بىلەن قويۇق ئالاقىسى يوقلۇقىنى بايان قىلدى.
غەرب ئەللىرى مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەرەب باھارىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يېتىپ كېلىشى ھەر خىل تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەسىلە بولۇپ، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇش سەۋىيىسى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ ئىقتىسادىنىڭ بىر قەدەر ياخشى بولۇشى ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان. گەرچە ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى دىكتاتورىلىق تۈزۈمىگە قارشى قوزغىلىشلار ئەرەب باھارىدىن بۇرۇن بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ خاراكتېر جەھەتتىن ئەرەب باھارىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقى ئېنىق. يەنە بىر تەرەپتىن، غەرب سىياسىي ئانالىزچىلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قېلىشى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بۇ بىرلەشمىنىڭ تومۇر ئالىقىنى ئاستىدا قېلىشىنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئەرەب باھارى ھەرىكىتىنىڭ پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى يوق قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا. ئەمما دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ جەھەتتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئەرەب باھارىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەرەب باھارىغا ئوخشىغان ياكى باشقا شەكىلدىكى قوزغىلىشنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە مەيدانغا كېلىش-كەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر داۋام قىلماقتا. لېكىن ئانالىزچىلار بۇ قوزغىلىشلارنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنىڭ يەنىلا دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە دىكتاتورىلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىغا باغلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلاردا ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم.