تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قۇرۇلتاي ئەرەب باھارىنى باشتىن كەچۈرگەن دۆلەتلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا چاقىرىلغان بولۇپ، 2015-يىلغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە، ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا سودا ئىشلىرىنى جانلاندۇرۇپ يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈش، ئەرەب باھارى ھارپىسىدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن چېكىنىش يۈز بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ياخشىلاش، تاموژنا بىرلىكىنى يولغا قويۇش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى باش ماۋزۇ قىلغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئەھمىيىتى مىسىر، تۇنىس، يەمەن قاتارلىق ئەرەب باھارىنى باشتىن كەچۈرگەن دۆلەتلەر ئۈچۈن تولىمۇ زور ئىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان گېزىتلەرنىڭ ھەممىسىدە مەزكۇر قۇرۇلتاي ھەققىدە ھەرخىل تەھلىللەر ۋە كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. رادىئو-تېلېۋىزىيىلەرمۇ دىققىتىنى مەزكۇر قۇرۇلتايغا بېغىشلىغان بولۇپ، كۈندىلىك خەۋەرلەر ۋە سۆھبەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسەن مۇشۇ قۇرۇلتاي ھەققىدە بولماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل مەدىنە» گېزىتىنىڭ 2013-يىلى 25-يانۋار كۈنىدىكى سانىدا، «ئەرەب باھارى ئۈچۈن ئىقتىساد كېرەك» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللانىڭ تەكلىپى ۋە ساھىبخانىلىقى بىلەن پايتەخت رىياد شەھىرىدە چاقىرىلغان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئىقتىساد قۇرۇلتىيى تولىمۇ مۇناسىپ ۋاقىتتا چاقىرىلغان بولۇپ، ئەرەب باھارى جەريانىدا ئىقتىسادى چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىغان قېرىنداش ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن بېلىنى رۇسلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلغان بۇ قۇرۇلتاي كۆپلىگەن ئىجابىي تەكلىپلەرنى سۇندى ۋە يېقىن كېلەچەكتە ئەمەلگە ئېشىشى كۈتۈلگەن بىر قاتار ئىجابىيلىقلارغا قول قويدى. ھازىر مىسىر، يەمەن، تۇنىس قاتارلىق دۆلەتلەر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسا، لىۋىيە، ئالجىرىيە ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر تىنچلىققا موھتاج بولماقتا. ئەھۋال قانداقلا بولمىسۇن، بىرىنچى قىلىپ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاش كېرەك. چۈنكى، ئىقتىساد دېگەن دىن ۋە مەزھەپ ئايرىمايدۇ. ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەپلەردىكى كۆز قاراشلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن ھەمكارلىشىشىغا ۋە بىرلىشىشىگە توسقۇن بولالمايدۇ. چۈنكى، ئىقتىساد ھەممىگە كېرەك، ئىقتىساد مەزھەپ تونۇمايدۇ. شۇڭا ھەممە بىرلىكتە ئىقتىسادنى ياخشىلاش ۋە بۇ يولدا ئۆز-ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.»
قۇرۇلتاينىڭ قارارلىرى
يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئەل رىياد» گېزىتىنىڭ شۇ كۈنىدىكى سانىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:«رىياد شەھىرىدە چاقىرىلغان3-نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىقتىساد قۇرۇلتىيىدا ناھايىتى مۇھىم قارارلار ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا سودا-تىجارەت ھەجمىنى ئاز دېگەندە يەنە يۈزدە 50 پىرسەنت چوڭايتىش، ياشلاردىكى ئىشسىزلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن چارە-تەدبىر قوللىنىش، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مۇھىت ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلۈش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھىتنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش قائىدىلىرىگە جىددىي ئەمەل قىلىش، 2015-يىلغا قەدەر ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تاموژنا بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.»