ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئەرەب دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولماقتا ۋە يەنە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر كۈتۈلمەكتە. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بەزىسى ئىجابى ۋە بەزىسى سەلبى بولغان ھالدا داۋام قىلماقتا. ئىجابى بولغىنى مىسىر، تۇنىس، يەمەن ۋە لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە سابىق دىكتاتورلارنىڭ ئورنىغا، دېموكراتىك ھالدا خەلق تەرىپىدىن سايلانغان دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ چىققانلىقى، سەلبى بولغان تەرىپى سۈرىيە، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دىكتاتورلۇقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئوكاز» گېزىتىنىڭ 2013 - يىلى21 - يانۋار كۈنىدىكى سانىدا، يازغۇچى ئىمادۇددىن ئەدىبنىڭ قەلىمى بىلەن بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«ھازىر ئەرەب دۇنياسىدا، جاۋابتىن كۆپرەك سوئاللار، ئۈمىدتىن كۆپرەك قورقۇنچ، ئىشەنچتىن كۆپرەك ئىككىلىنىشلەر، غەلىبىدىن كۆپرەك مەغلۇبىيەت، بىرلىكتىن كوپرەك تەپرىقىچىلىك، ئەقىلدىن كۆپرەك قاراملىق، ھېكمەتتىن كۆپرەك ئەقىلسىزلىق دەۋر سۈرمەكتە. بۇ سەۋەبتىن ئەرەب دۇنياسىنىڭ يېقىن كېلەچىكىدىن خۇشخەۋەر كۈتكىلى بولمايدۇ.
ئەمما، ئەرەب دۇنياسىنىڭ يىراق كېلەچىكى ھەققىدە سۆز ئاچىدىغان بولساق، بۇ جايلاردا يىراق كېلەچەكتە دىكتاتورلۇقنىڭ ئورنىنى دېموكراتىيە، ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ئورنىنى ئورتاق كېڭەش ئالىدىغانلىقىدا شەك يوق. لېكىن شۇ يىراق كېلەچەككە يېتىپ بولغىچە كىملەر قېلىپ، كىملەر كېتىدۇ، بۇ تەرىپىنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.»
دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ قان تۆكۈلۈۋاتقان يېرى ئەرەب دۇنياسىدۇر
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«ئەپسۇسكى، ھازىرقى ۋاقىتتا ئەڭ كۆپ قان تۆكۈلۈۋاتقان ۋە ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلۈۋاتقان جاي ئەرەب دۇنياسى بولۇپ قالماقتا. چۈنكى، سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قورالسىز خەلقنى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن بومبىلاپ ئۆلتۈرۈشى كۈندىلىك نورمال ئەھۋال قاتارىدا بولۇپ قالماقتا. پەلەستىندە بىر پەلەستىنلىكنىڭ بۇرنى قانىسا، دەرھال تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى دۇنياغا تارقىتىپ بولىدۇ ۋە ئىسرائىلىيىگە قارشى نەپرەتلەر ياغىدۇ. ئەمما تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ھەر قانچە قىلسىمۇ، سۈرىيىدىكى ۋەھشىيلىكلەرنىڭ قايسى بىرىنى ئاڭلىتىپ بولسۇن؟ قايسىبىرىنى ۋاقتىدا تونۇشتۇرۇپ بولسۇن؟ ئۆلۈۋاتقانلار بىردىن ئەمەس، بەلكى توپ - توپ ھالدا ئۆلمەكتە. يەنە ئەپسۇسلىنىش بىلەن ئېيتىمىزكى، ئەرەبلەرنىڭ باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆلگەن ئادەملىرىدىن ئۆز ئارىسىدا، ئەرەب بىلەن ئەرەب ئۇرۇشۇپ ئۆلگەن ئادەملىرىنىڭ سانى 6 ھەسسە كۆپ بولماقتا. مۇنۇ سوئاللار ئەرەب دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا: ھاماس بىلەن فەتىھ قاچان بىرلىشىدۇ؟ لىۋاندىكى ھىزبۇللاچىلار سۈرىيىگە ئارىلىشىشتىن قاچان ۋاز كېچىدۇ؟ ئىران سۈرىيىگە ئەسكەر ئەۋەتىشنى قاچان توختىتىدۇ؟ ئەرەب ھاكىمىيەتلىرى باشقىلار بىلەن كېڭىشىپ ئىش كۆرۈشنى قاچان ئۆگىنىدۇ؟ ئەرەب دۆلەتلىرى تەلىم - تەربىيە ئىشلىرىنى قاچان تەرەققىي قىلدۇرىدۇ؟ ئەرەب سىياسەتچىلىرى سۆزدىن كۆپرەك ئىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى قاچان ئۆگىنىدۇ؟»
0:00 / 0:00