ئەركىن ئالىپتېكىن: سىلەر ئىمپېرىيە ۋە دۆلەت قۇرغان مەدەنىي بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.07.23
erkin-aliptekin-duq-uyghurlar.jpg ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆز ئۈستىدە
RFA//Ekrem

ئۆز قاراشلىرىنى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە قۇرۇلتاي خادىملىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالىغان 80 ياشلىق ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بەزى تەۋسىيە ھەم تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۈگۈن، ئالدى بىلەن د ئۇ ق نىزامنامىسىنى كېلەچەكتىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» نىڭ نېگىزى ھالىغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «د ئۇ ق نىزامنامىسىنى پەقەت ئۆزۈڭلارنىڭ پوزىتسىيەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خەلقىمىز ئارىسىدىكى مەپكۇرە بىرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان، چەتئەللىكلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قازىنىدىغان، خەلقىمىزنى ھازىردىن دېموكراتىك پارلامېنت سىستېمىغا كۆندۈرۈشنى نەزەردە تۇتىدىغان ۋە كېلەچەكتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەبىت بىر كوممۇنىست تۈزۈمدىن دېموكراتىك كۆپ پارتىيەلىك سىستېمىغا ئۆتۈش جەريانىدا قوبۇل قىلىنىدىغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ نېگىزىنى تەشكىل قىلىدىغان بىر نىزامنامە ھالىغا كەلتۈرۈڭلار.»

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن قېرىنداشلىرىنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالماسلىقنىمۇ تەكىتلىدى: «ئۆز ۋاقتىدا چوڭ بەدەللەر تۆلەپ مۇجادىلە قىلغان، تۈرمىلەردە يېتىپ قىيىن - قىستاق كۆرۈۋاتقان ۋە بۇ يولدا ئۆزىنىڭ ئەزىز جېنىنى پىدا قىلىۋاتقان سىياسىيونلىرىمىز، غازىلىرىمىز ۋە شېھىتلىرىمىزنى مىننەت ۋە شۈكران بىلەن ئەسلەشنى ھەرگىز، ئەمما ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭلار.»

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك تەرغىباتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىتلەر يارىتىۋاتقانلىقىنى، 2 مىڭ يىلدىن بېرى قوشنا ئەللەرگە قارىتا يولغا قويۇپ كەلگەن تاجاۋۇزچىلىق، مىللەتچىلىك سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلدا تۈركىستاندا ئەڭ قاتتىق رەۋىشتە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىشى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىللىي زۇلۇمنىڭ ئارتىپ بېرىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادە ۋە غايىسىدىن تەۋرەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىپ، شۇلارنى ئەسكەرتتى: «ئەزىز ۋەتەنداشلار، ھەرگىز ۋە ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. خىتايلار ھازىر سىلەرنى داۋاملىق رەۋىشتە ‹ۋەھشىي، ئىپتىدائىي، قالاق، نادان، پېتىشماس، ئىغۋاچى، تېررورچى، ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇلمايدىغان بىر مىللەت› دېگەنگە ئوخشاش تەشۋىقاتلار بىلەن دۇنيا جامائىتى ئالدىدا سېسىتىشقا تېرىشىۋاتىدۇ. ئەمما سىلەر مەركىزى ئاسىيادا بۈيۈك ئىمپېرىيە، قۇدرەتلىك دۆلەت ۋە خاقانلىقلارنى قۇرغان مەدەنىي بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادى. ئەجدادلىرىڭلار تارىختا بۈيۈك مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ۋە مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە غايەت زور ھەسسە قوشقان.»

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى تارىختىن مىساللار ئېلىپ شۇنداق دەيدۇ: «9 - ئەسىردە قاراغوجا خاقانلىقىدا ئىككى يىل خىتاي ئەلچىسى بولۇپ تۇرغان ۋاڭ يەندى ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق يازىدۇ: ‹ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بارلىققا كەلتۈرگەن مەدەنىيىتىنى، سېلىنغان مۇكەممەل سارايلىرى، ئىبادەتخانىلىرى، مەكتەپلىرى، تام رەسىملىرى، ياسالغان ھەيكەللەر، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن پۈتۈلگەن زىننەت بۇيۇملىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىسە، يېزىق بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس. ناھايىتى باي بىر دۆلەت بولغاچ، ئۇيغۇر خاقانلىقىدا ئاچ - يالىڭاچ، بىئىلاج ئادەملەر يوق. تۇل، يېتىم ۋە بېقىمغا موھتاج قېرىلارغا قارايدىغان ئالاھىدە ئورۇنلار بار. بۇ ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا. كېسەللەرگە قارايدىغان تىبابەتخانىلار بار. كېسەللەر بۇ يەرلەردە ھەقسىز داۋالىنالايدۇ. ئۇيغۇرلار ئاياللىرىغا چوڭ ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ....› گېرمان ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ئالبېرت ۋون لەكوك مۇنداق يازىدۇ: ‹... ئوتتۇرا ئەسىردە، بىر ئۇيغۇر دېھقىنى قانۇنى تەرمىنلەر بىلەن بىر بىتىم يازالايتتى. ئۇ چاغدىكى بىر گېرمان دېھقان بولسا ئۆزىنىڭ ئىسمىنىمۇ يازالمايتتى....› فىرانسۇز ئۇيغۇرشۇناس ئالىم پائۇل ئەئۇگەنە پەللىئوت مۇنداق دەپ يازىدۇ: ‹... ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، مەركىزى ئاسىيادىكى ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە مىڭ يىلدىن ئارتۇق چوڭ ھەسسە قوشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ 7 - ئەسىردە ئىجاد قىلغان رۇنىك ئېلىپبەسى پەقەت تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىنلا ئەمەس، بەلكى موڭغۇللار ۋە مانجۇلار تەرىپىدىنمۇ ئىشلىتىلگەن. چىڭگىز ئىمپىرىيەسى رەسمىي يېزىشمىلىرىنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يۈرگۈزگەن.....›»

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى شۇنى ئەسكەرتتى: «بۇنداق مىساللارنى كۆپلەپ كەلتۈرۈش مۇمكىن. دېمەك، سىلەر مانا مۇشۇنداق بىر ئەجدادنىڭ ۋارىسلىرى. ئەگەر سىلەر خىتايلارنىڭ تەشۋىقاتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان بولغانلىقىنى ئىسپاتلايمىز دەيدىغان بولساڭلار، چەتئەللىكلەرنى كىملىكىڭلارغا قايىل كەلتۈرىمەن دەيدىغان بولساڭلار، ياشلارغا ئۈلگە بولىمىز دەيدىغان بولساڭلار، مىللىي دەۋانى كۈچەيتىمىز ۋە ھامان بىر كۈنى خىتاي ئۈستىدىن غالىپ كېلىمىز دەيدىغان بولساڭلار، ئۇ چاغدا ناھايىتى مەدەنىي، دېموكراتىك، بىر - بىرىڭلارنىڭ پىكرى ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، تەرتىپلىك، پىلانلىق، پروگراممىلىق ۋە سىستېمىلىق بىر مۇھىت ئىچىدە پائالىيەت قىلىدىغان دەۋاگەرلەرگە ئايلىنىشىڭلار لازىم. ئەكسىچە بولغاندا، بۇ زور مەدەنىيەتنى سىلەرگە ئامانەت قىلغان ئەجدادلىرىڭلارنىڭ روھىنى رەنجىتىسىلەر، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى رەسۋا قىلغان ۋە ياشلارغا يامان ئۈلگە بولغان بولىسىلەر.»

د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى كىشىلىك ۋە سىياسىي ئەخلاق ھەققىدىمۇ ئىككى كەلىمە سۆز بايان قىلدى: «بىرىڭلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقىنى ‹ھەممىمىزنىڭ ئۇتۇقى› دەپ بىلىڭلار. يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە تېرىشىڭلار. يۈكسەلمەك ئىستىسەڭلار، باشقىلارنى يۈكسەلتىشكە تېرىشىڭلار. چۈنكى، باشقىلارنى يامانلاش ئارقىلىق يۈكسېلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۆزۈڭلارنى ئەر بىلسەڭلار، باشقىسىنى شىر بىلىڭلار. يۈكسەلگەنسېرى كەمتەر بولۇڭلار. ‹مەن› ئەمەس، ‹بىز› دەپ ھەرىكەت قىلىشنى ئۆگىنىڭلار. سىلەرگە ياخشىلىق قىلغان ئادەملەرگە ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار. چۈنكى، ۋاپاسىزلىق پەقەت مەنپەئەتپەرەس ئىنسانلارنىڭ ئىشىدۇر.»

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۆز - ئارا تەنقىدنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىمۇ توختالدى: «تاتلىق سۆزنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەسەل بولمىغانلىقىنى، ئاچچىق سۆزنىڭ ھەممىسىنىڭ زەھەر بولمىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭلار. بۇنىڭ ئۈچۈن ‹دوست يىغلىتىپ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ سۆزلەيدۇ› دېگەن بىر ماقال بار. بۇرۇن ئىشلەنگەن خاتالارنى تەكرارلىماسلىق ئۈچۈن، تەجرىبە بىلەن بىلىمنى بىرلەشتۈرۈشكە تېرىشىڭلار. مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادەم ئەمەس، ئىناۋەتلىك ئادەم بولۇشقا تېرىشىڭلار. چۈنكى، داۋاملىق رەۋىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەمنىڭ كۆزى تويمايدۇ. ئەمما ئىناۋەتلىك ئادەملەر بولسا مەرد ۋە قولى ئوچۇق بولىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.