دوكتور ئەركىن ئەكرەم: «جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى مەقسەت قىلىدۇ»

تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم «ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇققا تاقابىل تۇرۇش» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەرگەندىن كېيىن يىغىن ئەھلنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا تەپسىلىي جاۋاب بەردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2013.01.24
erkin-ekrem-jasusluq-305.jpg دوكتور ئەركىن ئەكرەم «ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇققا تاقابىل تۇرۇش» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەرمەكتە. 2013-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Arslan

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، يىغىن ئەھلىنىڭ نېمە ئۈچۈن بەزى دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ جاسۇسلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ تۇتقۇن قىلمايدۇ ياكى دۆلىتىدىن قوغلىمايدۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
‏-بىر دۆلەت مەلۇم دۆلەتنىڭ جاسۇسى پاش بولۇپ قالغان تەقدىردە ئالدىراپ ئۇنى ئاشكارىلىمايدۇ، بەلكى مەخپىي ھالدا ئۇ جاسۇسنى كۆزىتىدۇ، كىملەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى، نېمە ئىزدەيدىغانلىقىنى، ھەقىقىي مەقسىتىنى بىلىشنى خالايدۇ ياكى ئۇ خىل پاش بولۇپ قالغان جاسۇسلارنى مەخپىي تۇتۇپ ئۆزلىرىگە ئىشلەشكە مەجبۇرلايدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتنىڭ جاسۇسلىرىنى تۇتقۇن قىلسا ياكى پاش قىلىپ قويسا، ئۇ دۆلەتمۇ قارشى تەرەپنىڭ جاسۇسلىرىنى پاش قىلىدۇ، قارشى دۆلەت قانداق مۇئامىلە قىلغان بولسا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم «ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇققا تاقابىل تۇرۇش» دېگەن تېمىدا لېكسىيىسىنى تۈگىتىپ يىغىن ئەھلنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2013-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم «ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇققا تاقابىل تۇرۇش» دېگەن تېمىدا لېكسىيىسىنى تۈگىتىپ يىغىن ئەھلنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2013-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Arslan

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن شۋېتسىيە ۋە گېرمانىيە بىر قىسىم ئۇيغۇر جاسۇسلارنى خىتايغا ئىشلىدى دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىپ جازاغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزگىرىش بولدىمۇ يەنى مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتتىمۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
‏-ياۋروپا دۆلەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن دۈشمەن قالمىدى دەپ ئويلىدى ۋە ئاساسى دىققىتىنى خەلقنىڭ خۇشال ۋە بەختلىك ياشىشىغا قاراتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، جاسۇس كەلمەيدۇ دەپ ئويلىدى. مانا بۇ جاسۇسلارغا سەل قارايدىغان بىرىنچى سەۋەب. ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ ياۋروپادا تۇتۇلغان جاسۇسلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە تىبەت مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىدىغان دەرىجىدە ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ جاسۇسلىرىنى سوتقا تارتىش ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولىدۇ. خىتاي ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ جاسۇسلىرى ئىكەنلىكىنى ھېچقاچان قوبۇل قىلمايدۇ، تاشلاپ قويىدۇ. ئۇلار خىتاي بىلەن ئىقتىسادى، سىياسىي، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلەردە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشنى خالايدۇ، ئەمما خىتايدىن سىياسىي، ئىقتىسادى جەھەتتە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ جاسۇسلىرىنى سوتقا تارتىش ئارقىلىق بىر كوزىرنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ، بۇ جەھەتتە بولسىمۇ خىتايدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۈچىنچى سەۋەب بولسا، كىشىلىك ھوقۇق يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى يوق، ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ ئالاھىدە تەربىيىلىگەن ئۇيغۇر جاسۇسلىرى بارمۇ؟ خىتايغا مەلۇمات يەتكۈزۈۋاتقان مەلۇم ئۇيغۇر جاسۇسلارنى قانداق چۈشىنىمىز دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
‏-ھەر قانداق بىر دۆلەت پۈتۈن ئىمكانلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئىستىخباراتچىلىق ۋە جاسۇسلۇق قىلىدۇ. بۇ ئەسلىدە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە ئەيىبلىنىدىغان بىر ئىش ئەمەس. ئىجتىمائىي ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە ئەخلاق بەك مۇھىم، ئەمما دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئەخلاق بەك ئاجىز ئورۇندا تۇرىدۇ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئەخلاق ئۆلچىمى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خالىغان دۆلەتكە جاسۇس ئەۋەتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىمۇ خىتاي يېتىشتۈرگەن مۇتەخەسسىس جاسۇسلار بار، چۈنكى خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇيغۇر جاسۇسلارنى يېتىشتۈرىدۇ. سانى بەك كۆپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن، ئەمما خىتاي ئۇيغۇرچىنى ئۇيغۇردىن ياخشى سۆزلەيدىغان خىتاي جاسۇسلارنىمۇ يېتىشتۈرىدۇ. چۈنكى خىتاي سىياسىي ئاڭ چۈشەنچىسىدە ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرگە ئىشەنمەيدۇ، بىز ۋە ئۇلار دەپ ئايرىيدۇ. خىتايدا، «بىزنىڭ مىللىتىمىزدىن بولمىغانلارنىڭ يۈرىكى بىزدىن ئەمەس» دەيدىغان سۆز بار.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، بىر دۆلەت باشقا بىر دۆلەتكە ئەۋەتكەن جاسۇسلار قايسى ساھەلەرنى مۇھىم دەپ قاراپ جاسۇسلۇق قىلىدۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
‏-سوغۇق ئۇرۇشتىن ئىلگىرى جاسۇسلار ئاساسەن قورال-ياراق ساھەسىدە كۆپرەك جاسۇسلۇق قىلاتتى. يەنى زامانىۋى قورال-ياراقلارنىڭ تېخنىكىلىق ياساش ئۇسۇللىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ساھەلىرىدە جاسۇسلۇق قىلاتتى. سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە كۆپرەك جاسۇسلۇق ھەرىكىتى قىلىدۇ. ئەمما سىياسىي جەھەتتە دېموكراتىك دۆلەتلەردە ھەر نەرسە ئاشكارا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلار ھەر نەرسىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا ئېھتىياج قالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.