د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم تۈركىيەدىكى ئىككى چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتنى زىيارەت قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.12.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Erkin-Ekrem-Oljay-Kilawuz-1.JPG دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەدىكى «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى بىلەن بىرگە. 2017-يىلى 8-دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بويىچە 6-ۋە 8-دېكابىر كۈنلىرى د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن «تۈركىيە كامۇ-سەن» يەنى «تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى» بىلەن «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا ئۇ د ئۇ ق نىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى سايلىمى، كەلگۈسى خىزمەت پىلانلىرى شۇنىڭدەك تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 6-دېكابىر كۈنى 450 مىڭ ئەزاسى بار، بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى بىلەن، 8-دېكابىر كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندىلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، د ئۇ ق نامىدىن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى.

ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى ئۇچرىشىشتىن كېيىن جىددىي بىر يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدىغان بولغاچقا، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى كېيىنگە قالدۇردى. 

«ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» نىڭ رەئىسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى ئۆز تەشكىلاتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ياشلار تەشكىلاتىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈرك دۇنياسى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئالدى بىلەن د ئۇ ق نىڭ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىنى تەبرىكلەيمەن، مۇبارەك بولسۇن. بىزگە قانداق ئېھتىياجىڭلار چۈشسە ئۇنى قىلىشقا تەييار بىز. تەلىپىڭلارنى كۈتىمىز. بىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ياشلار تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن پائالىيەتنى قىلىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم، بېسىم ۋە تەن جازالىرىنى ئاڭلىتىدىغان پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردۇق، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىمىز. بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان مۇھەببىتىمىز چوڭقۇر. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، بۇ دەۋا ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىزنىڭ قېرىنداشلىق ۋە ئىنسانىي بۇرچىمىز.» 

ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى، ساياھەت ئەركىنلىكىنى، ئانا تىلىدا سۆزلىشىشى ھوقۇقىنى چەكلەش ھەقىقەتەن بۈيۈك بىر پالاكەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ تارىخقا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بىر سىياسەت سۈپىتىدە يېزىلىدۇ. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىز خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بىز خىتايدىن دەرھال بۇنداق ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. 10-دېكابىر كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىنى، بېسىۋالغان زېمىندىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىمەن.» 

ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمگە ئۇزاتتۇق. ئۇ، بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ تۈركىيەنىڭ پۈتۈن ۋىلايەتلىرىدە شۆبىسى بارلىقىنى، تۈركىيەدە كۈچلۈك ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئۇ يەنە مەزكۇر ئىككى تەشكىلات رەئىسلىرىنىڭ د ئۇ ق قا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چاقىرىپ، يېڭىدىن رەھبەرلىرىنى سايلاپ چىققان ئىدى. تۈركىيەدىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلانغان ئىدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قۇرۇلتايدىن كېيىن بىرىنچى باسقۇچتا تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىككىنچى باسقۇچتا سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. بۇنداق بىر شارائىتتا ئۇيغۇر دەۋاسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنداق بىر شارائىتتا تۈركىيەنىڭ مەنپەئىتىنىمۇ نەزەردە تۇتقان ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە «كامۇ-سەن» يەنى «كادىرلار ئۇيۇشمىسى» 450 مىڭ ئەزاسى بار ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇپ، ھەر يىلى ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم كۈنلەردە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» بولسا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ياشلار ياچېيكىسى بولۇپ، تۈركىيەنىڭ 70 كە يېقىن ۋىلايىتىدە شۆبىسى مەۋجۇت. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل ھالدا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن بىرى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.