ۋەتەندىن ئايرىلغىنىغا 14 يىل بولغان كانادا پۇقراسى ئەركىن قۇربان(تېكەس) يېقىندا ئۆز ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلىرىدە 45 كۈن زىيارەتتە بولدى ۋە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ،ۋەتەندە دۇچ كەلگەن ئەھۋاللار ۋە كۆرگەن بىلگەنلىرىنى ئاڭلاتتى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇنىڭ پاسپورتى خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان، ئۆزى 45 كۈن ئىچىدە 4 قېتىم ھەر قېتىمدا 10 سائەتتىن سوراق قىلىنغان.
مەن ۋەتەنگە نېمە كۆرسەم كۆرەي دەيدىغان نىيەت بىلەن باردىم
ئۆزىنىڭ 12 بالىنىڭ ئىچىدە ئاتا - ئانىسى تېخىمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىدىغان پەرزەنت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەركىن قۇربان، بۇ يىل 82 ياشقا كىرىپ قالغان ئانامنىڭ تەۋسىيەسىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن بىر كانادا پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋەتەنگە باردىم دېدى. ئۇ يەنە: «ھەممە نېمىدىن كېچىپ، بېشىمغا نېمە كەلسە - كەلسۇن دەپ ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ ۋەتەنگە باردىم» دېدى.
كانادادا قىلغان سىياسىي پائالىيەتلىرىمنى ھېچ يوشۇرمىدىم، قولۇڭدىن نېمە كەلسە قىل، دېدىم
ئەركىن قۇربان ۋەتەنگە بېرىشتىن ئىلگىرى، كانادادىكى ئاكتىپ سىياسىي پائاليەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئۇنى بۇ مەسىلە ئۈچۈن قاتتىق سوراق قىلغان. ئەركىن قۇربان، ئۆزىنىڭ كانادادا قانۇنسىز بىر ئىش قىلمىغانلىغىنى، كانادا قانۇنى يول قويغان دائىرە ئىچىدە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئالدىڭغا كەلدىم، قولۇڭدىن نېمە كەلسە قىل» دېگەن. ئەمما، خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئۇنىڭغا «سېنى خالىساق چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىۋېتەلەيمىز» دېگەن. ئەمما، ئەركىن قۇربان ئۇلارغا «ئۆلسەم ۋەتەن تۇپرىقىدا ۋە نۇرغۇنلىغان قۇربان بېرىۋاتقان كىشىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئۆلىمەن، ئەمما مەن بىر كانادا ۋەتەندىشى، كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ ئويلاپ قويۇڭلار» دېگەن.
بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00