14-ماي كۈنى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوپتىكا ئىنژېنېرى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئۆزى ئىشلەۋاتقان تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. مەزكۇر رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى ئۇنىڭ «ئالەم بوشلۇقىدا يېڭى پىلانېتىلارنى كۆزىتىدىغان تېلېسكوپ تەتقىقاتى» دىكى ئالاھىدە نەتىجىلىرىگە بېرىلگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى ۋە بۈگۈنكى قىيىن ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ۋەتەن-مىللەتنىڭ تەقدىرىگە چوقۇم كۆڭۈل بۆلۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كېلىۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، بولۇپمۇ يۇقىرى قاتلام بىلىم ئىگىلىرىنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى تىرىشچانلىق بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزسلارنى قانداق ھەل قىلىش، ياش ئەۋلادلارغا قانداق ئىلھام بېرىش، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۈمىد چىرىغىنى ھەرگىزمۇ ئۆچۈرۈپ قويماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئەۋزەل شارائىتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تىرىشىپ ئوقۇشى لازىملىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلۇق مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى، ئۇيغۇرلار تارىختىكى ئەڭ قىيىن بىر مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ياشلارنىڭ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن قۇربى يەتكەن ھەرقانداق بىر تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشتىن چېكىنمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.
0:00 / 0:00