بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ «2012 - يىللىق دۆلەتلەر ئەھۋالى ۋە تېررور تەشكىلاتلار تىزىملىكى ھەققىدىكى دوكلاتى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، تىزىملىكتە ئەللىكتىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ ئىسمى يەر ئالغان.
بۇ قېتىمقى تىزىملىكتە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» 2011 - يىلىدىكىدەكلا يەنە چىقىرىپ تاشلانغان.
«ئامېرىكا ئاۋازى» خىتايچە تور بېتىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان دوكلاتىدا، جۇڭگونىڭ تېررورىزمىغا قارشى كۆرۈشىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە مەركەزلىشىپ قالغانلىقى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «دىنىي ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورىزمنى جۇڭگوغا تەھدىت» دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ھەمدە 2012 - يىلى 2 - ۋە 6 - ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.
لېكىن، دوكلاتتا يەنە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تۈردە، خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق يەرلىك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قاتتىق باستۇرۇۋاتىدۇ، دېگەن قارىشىغىمۇ يەر بەرگەن.
«11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئامېرىكا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نى تېررورچى تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى رادىكال ئىسلام، تېررورىزمغا باغلاپ قاتتىق باستۇرۇپ كەلگەنىدى.
تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسى تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم ئامېرىكىنىڭ بۇ يېڭى دوكلاتىدىكى ئاتالغۇ مەسىلىسىدە توختالدى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما:
http://www.state.gov/documents/organization/210204.pdf
0:00 / 0:00