ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى داۋاملىق تەكىتلەيمىز

0:00 / 0:00

ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، 2015 - يىلى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك ناچارلىشىپ، خىتاي پائالىيەتچى ئادۋۇكاتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، تىبەت رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىدا بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش داۋاملىق كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا: «2015 - يىلى 8 - ئايغا قەدەر 143 نەپەر تىبەت ئۆزىنى كۆيدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزىنى كۆيدۈرۈش داۋاملىق جىنايەتلەشتۈرۈلۈپ، )ئۆزىنى كۆيدۈرگەن تىبەتلەرنىڭ(ئائىلە تاۋاباتى ۋە مەھەللە جامائىتى كوللېكتىپ جازالاندى.

ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئەۋجىگە چىقىپ، شۇ يىلى 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرنى كونترول قىلىپ، مۇخبىر، دىپلوماتلارنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا چەك قويغاچقا، بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە مۇمكىنچىلىك بولمىدى»دېيىلگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئاساسلىق نىشانى خىتاي ھۆكۈمىتى 1998 - يىلى ئىمزا قويغان ب د ت نىڭ «پۇقرالىق ۋە سىياسى ھەقلەر ئەھدىنامىسى» نى تەستىقلىتىش، ئوتتۇرا مەنزىللىك نىشانى خىتاي ئاساسى قانۇنى، جىنايى ئىشلار ۋە خىتاي جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنلىرىنى مەزكۇر ئەھدىنامىسىغا ماسلاشتۇرۇشكەن.

دوكلاتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ دۇنيادا ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكى، ئەمما ئۇنىڭ 2015 - يىلى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنىغا تۈزۈتىش كىرگۈزۈپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەتلەرنى 46 خىلغا ئازايتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. دوكلاتتا يەنە، پىكىر ئەركىنلىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ خىتايدا ئاممىۋى گۇرۇھلارنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوللىغاندەك پىكىر ئەركىنلىكىنىمۇ ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇ قاتاردا يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ، خۇسۇسەن ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى داۋاملىق ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەنگەن. ئەمما ياۋروپادىكى بەزى پائالىيەتچىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ مەسىلىدە خىتايغا كەسكىن پوزىتسىيە تۇتمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى - خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇسنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساسلىق مەسىلە قاتارىغا ئوتتۇرىغا قويغانلىقى گۇمانلىق» ئىكەن.

دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار بۇنى ئاساسلىق مەسىلە، دېسىمۇ، ئەمما مەن بۇنىڭ ئاساسلىق مەسىلە قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا قايىل ئەمەس. كىشىلىك ھوقۇق ياۋروپا خەلقى ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە. ياۋروپادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆكلەتلەرنىڭ خەلقى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قىزىقىدۇ، دەپ قارايمەن. ئەمما بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مىللىي دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى ئانالىز قىلساق، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدى. بىز خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان خىل ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يالغۇز ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىلا ئەمەس، خىتاينىڭ ئۆزىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆرۈپ تۇرىمىز.»

دېلىئۇس ئۇلرىخ يەنە، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بىر رەسمىيەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، بەزى دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇقنى تىلغا ئالسىمۇ، ئەمما ئۇ ھېچقاچان ئاساسلىق مەسىلە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇلرىخ دېلىئۇس: «ھەر كۈنى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنىڭغا ئاساسەن ھېچبىر ۋاقىت كۈندىلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ باقمىدى. ئۇلارنىڭ كۈندىلىك باش قاتۇرۇدىغىنى خىتايدىكى ئىقتىسادى پائالىيەت. ئەگەر سىز فرانسىيە پرېزىدېنتى، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىنى ئانالىز قىلسىڭىز، ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇنچىلىك مۇھىم رول ئوينىمىغانلىقىنى كۆرىسىز. ھەتتا گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خىتاينى زىيارەت قىلغاندا ئۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالدى، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدە مۇھىم تېما ئەمەس ئىدى» دەپ كۆرسەتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر مەسىلە، خىتايدا مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش مەسىلىسىدۇر. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ب د ت تەن جازاسىنى چەكلەش كومىتېتىغا قانۇن چىقىرىش، مەمۇرىي ئەدلىيە ۋە باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تەن جازاسىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى، تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىگە دائىر ئىشەنچلىك مەلۇماتلار ب د ت تەن جازاسىنى چەكلەش كومىتېتىغا ئەندىشىگە سېلىپ كەلگەن.

ئەمما دوكلاتتا يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ھەر خىل شەكىل ۋە دەرىجىدە داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پرېزىدېنتى تۇسك ۋە باشقا ياۋروپا ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر نۆۋەتلىك سۆھبەت، زىيارەت ياكى ئۇچرىشىشلىرىدا پىكىر ئەركىنلىكى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى، قانۇن بىلەن باشقۇرۇش، ئەدلىيە مۇستەقىللىقى، ئادۋۇكاتلارنىڭ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەمما ئۇلرىخ دېلئىئۇسنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى يازما دوكلاتىدا ياكى ئېغىزىدا، دەپ قويۇشى كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇ، كىشىلىك ھوقۇق ياۋروپا ئىتتىپاقى - خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەندە ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىز خىتايغا بېسىم ئىشلىتىمەن دېسىڭىز ئوخشىمىغان يوللارنى سىناپ بېقىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ بىر يولى كىشىلىك ھوقۇقنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشتۇر. ئەگەر سىز كىشىلىك ھوقۇقنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزگەندىلا ئۇنىڭ خىتاي سىياسىتىگە مە دەرىجىدە ئۈنۈملۈك تەسىرى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھېچ بولمىسا خىتاينىڭ بەزى سىياسى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن.

ئەمما سىز 4 - ياكى 5 - دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئەۋەتىپ قويۇپ، ئارقىدىن خەلقىڭىزگە بىز خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە نۇرغۇن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق دېسىڭىز، بۇنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسى بولمايدۇ.»

ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى 19 - سېنتەبىر ب د ت دا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىدلىگەن. گېرمانىيەنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فرانك جاراش 19 - سېنتەبىر ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، «گېرمانىيە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن، بولۇپمۇ شىنجاڭ ۋە تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇققا كەڭ كۆلەملىك خىلاپلىق قىلىش نەتىجىسىدە، نۇرغۇن ئادۋۇكاتلار، پائالىيەتچىلىرى ۋە ئاكادېمىكلار پەقەت جەمئىيەتتىكى ئاجىزلارنىڭ ھەققىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى. بىز ھۆكۈمەتنى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق قودىغۇچىلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز» دېگەن ئىدى.