ئەخمەتجان ئوسمان تەيۋەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان

0:00 / 0:00


مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى ياپونىيەدە ئېلىپ بارغان 5 - قېتىملىق زىيارىتىدىن كىيىن، ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن تەيۋەنگە بېرىپ، ئۇ يەردە 18 - ئۆكتەبىردىن 21 - ئۆكتەبىرگىچە ئۈچ كۈن زىيارەتتە بولغان.

بۇ جەرياندا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە جۇڭشېڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئۇ شۇنداقلا تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە «تەيۋەن ئەۋلاد فوندى» نىڭ باش سېكرېتارى خۇ ياۋنەنلەر بىلەن كۆرۈشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ قېتىملىق تەيۋەن سەپىرى تەيۋەنلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچى شېجەنيۈ ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شېجەنيۈ ئەپەندى ياپونىيەدە ئېچىلغان «خىتايدىكى ئاتوم تەھدىتى» ناملىق يېغىندا ئورتىغا قويۇلغان مەزمۇنلارنىڭ تەيۋەندىكى دوستلىرىغىمۇ بىلدۈرۈلۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.