2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىستانبۇلدىكى زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن مەدەنىيەت، مائارىپ، تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق ۋەخپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ ۋەخپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن كىشىلەر ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ قەبرىسى بېشىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ خاتىرىلىدى. مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى، تۈركىيە باش مىنىستىرلىق ئىدارىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى تانەر مۇستافائوغلۇ، ياۋروپا تۈرك ئىسلام بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى باشلىقى سەردار چەلەبى ئەپەندى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.
بۇلاردىن باشقا يەنە بۇلغارىيە، ماكېدونىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەن تۈركلەر قۇرغان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 16ئەتراپىدا ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن مۇئاۋىن رەئىس دوكتور ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان قاتارلىق كىشىلەر ئىشتىراك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.
زەيتىنبۇرنۇدا ئېچىلغان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپىنىڭ لېنتىسىنى كېسىش ئۈچۈن مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئاسىيە قاراقاش خانىم ئەركىن ئالپتېكىننى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى.
ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپىنىڭ پەقەتلا «شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈنلا ئەمەس پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشى» نى تىلىگەندىن كېيىن لېنتا كەستى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ۋەخپىمىزنىڭ پەقەت شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈنلا ئەمەس پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن ئىشىنىپ، بىسمىللا دەپ لېنتىنى كېسىمەن. پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرگە مۇبارەك بولسۇن».
ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپىنىڭ بۇندىن كېيىن نۇقتىلىق ھالدا قىلىدىغان ئىشىنىڭ تەتقىقات ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىش تەتقىقات. مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ئەپەندىنىڭ پەرزەنتلىرىدە، مەسئۇد سابىرى بايقوزىنىڭ قىزى گۈلتېكىن خانىمدىن قالغان كۆپ ماتېرىياللار بار. بۇلارنى رەتلەپ چىقىپ، نەشر قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. مەن قولۇمدىكى ماتېرىياللارنى بۇ ۋەخپكە بەردىم. مەسىلەن، بۇ ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدە 1933-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خوجا نىياز ھاجىنىڭ تۈركىيەگە ۋە ئەنگلىيەگە يازغان خەتلىرى بار. بۇلارنى دەرھال رەتلەپ نەشر قىلدۇرمىساق بىزدىن كېيىن يوق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن».
ئارقىدىن تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى تانەر مۇستافائوغلۇ ئەپەندى سۆز قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن گىرېتسىيەدىكى باتى تىراكيالىق. باتى تىراكيا تۈركلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسىمەن. مېنىڭچە، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ھەممە ئادەمنى بىر يەرگە جەم قىلالىشى. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئىسمىنى ئۇنۇتقۇزماسلىق پەقەتلا ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس، ئۇنىڭ نامىدىكى ۋەقىپ نامىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەممىمىزنىڭ ۋەزىپىسى بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن».
ئارقىدىن سابىق پارلامېنت ئەزاسى، يېڭى قۇرۇلغان «ئىيى پارتىيەسى» نىڭ باياناتچىسى مۇقاددەر باشەگمەز ئەپەندى ئۆزىنىڭ مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا تونۇشقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئەپەندى بىلەن پارلامېنتتا تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانىدىم. ئۇ، پارلامېنتقا كەلگەندە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئۇنىڭ قولىنى سۆيگەنلەرنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار ئىدىم. مەلۇمات بېرىلسە كىشىلەر قىزىقىشقا باشلايدۇ. كېيىنچە شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن تونۇشتۇم. ھەممىسى غۇرۇرلۇق ياخشى كىشىلەر ئىكەن. مەن تونۇشقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ئېسىل كىشىلەر ئىدى. ئۇلار بىلەن تونۇشقانلىقىمغا خۇرسەن بولدۇم. مەن بىر سىياسەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپىنىڭ مۇقەددەس شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەممۇ سۆز قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەرھۇم رەھبىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن بولغان ئەسلىمىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەيسا ئەپەندى بىلەن 1991-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تونۇشتۇم. مەن ئۇنى تۈركىيەگە كېلىشتىن بۇرۇنلا بىلەتتىم. خىتاينىڭ ئېيتىشىچە، ئەيسا ئەپەندى چوڭ بىر تەشكىلات قۇرۇپ خىتاينى پارچىلاشقا تىرىشىۋاتقان ئىكەن. مەن تۈركىيەگە كېلىپ ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمدە خىتاينىڭ دېگەنلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم. چۈنكى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئاددىي-ساددا بىر ئۆيدە، قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ئۆمۈر بويى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن پەقەتلا بىر سىياسىي رەھبەرلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قانداق ئېلىپ بېرىشىمىز توغرىسىدىكى پىكىرلىرىنىمۇ يېزىپ قالدۇرغان شەخس. ئۇ، بىزگە دەۋانىڭ يول خەرىتىسىنىمۇ سىزىپ قالدۇرغان».
ئارقىدىن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياۋروپا تۈرك ئىسلام بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى باشلىقى مۇسا سەردار چەلەبى سۆز قىلدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ 1970-يىلى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن تونۇشقانلىقىنى، ئۇنىڭ نامىدا قۇرۇلغان بۇ ۋەقىپنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن زور ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسىنىڭ كامىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ۋەقىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىشەنگەن كىشىلەر قۇرغان يېڭى بىر تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ. خۇدايىم بۇيرۇسا ۋەخپىمىز بۈيۈك لىدېرىمىزنىڭ ئىسمى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ياش ئەۋلادلارغا يەتكۈزىدىغان مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشىنى تىلەيمەن».
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ھۈلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى بولغان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن 1949-يىلىدىن كېيىن، كەشمىر ئارقىلىق 1952-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن. ئۇ، 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكۈچە مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. 1997-يىلى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى تەرىپىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن مەدەنىيەت، مائارىپ تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق ۋەخپى قۇرۇلغان. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىيالمىغان مەزكۇر ۋەخپە، بۇ يىل 24-فېۋرال كۈنى رەسمىي پائالىيەت باشلىدى. سايلامدا دوكتور ئۆمەر قۇل ۋەقىپنىڭ رەئىسلىكىگە، جاھىت داك ئەپەندى بىلەن ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئادۋوكات مۇستافا ئالپارسلان يىلدىز بىلەن ئەكرەم قىرمىزى ئەپەندى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلاندى.
0:00 / 0:00