ATV پروگرامما رىياسەتچىسى فاھرەتتىن دامغا ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت

0:00 / 0:00


ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ تۈركىيەدىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى چوڭ - كىچىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كۆپلەپ ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. بۇلاردىن بىرى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان قانال - ئا تېلېۋىزىيەسىدۇر. كېيىنكى يىللاردا مەزكۇر قانالدا كۆپ قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس ت ۋ پروگراممىلىرى تارقىتىلدى.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ژۇرنالىست فاھرەتتىن دامغا ئەپەندى «گۆزدەن قاچانلار» يەنى كۆزدىن ساقىت بولغانلار ناملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا تۈركىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى ۋە خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنى تېلېۋىزىيون پروگراممىسىغا چىقىرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى جانلىق ئۆرنەكلەر بىلەن ئەتراپلىق ھالدا ئاڭلاتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ پروگرامما رىياسەتچىسى فاھرەتتىن دامغا ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئوتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلاڭلار.