ئىستانبۇل ياشلار يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بۇ يىل تۇنجى قېتىملىق ياشلار يەرمەنكىسى 14 - مايدىن 19 - مايغىچە ئىستانبۇل يېڭىكاپى ساھىل مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. 6 كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەت جەريانىدا ياشلار مەدەنىيەت - سەنئەت، ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىپ بىرگە يەرگە جەم بولدى.

ئىستانبۇل ياشلار كۆرگەزمىسىدە 300 گە يېقىن ئاممىۋى تەشكىلاتلار، نەشرىيات ئورگانلىرى، ژۇرناللار، ئۇنىۋېرسىتېتلار، مەتبۇئاتلار، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى، ئىدارە جەمئىيەت، تەنتەربىيە كۇلۇبلىرى قاتنىشىپ كۆرگەزمە ئاچتى.

يېڭىكاپى ساھىلدىكى پائالىيەت مەيدانىدا ئېچىلغان كۆرگەزمە جەريانىدا 120 تۈرلۈك ھەر خىل ئويۇن پائالىيەتلەر كۆرسىتىلدى. يازغۇچى - شائىرلار - ئەدىبلەر، تارىخچىلار ۋە دىنى ئالىملاردىن 60 كىشى قېتىم يىغىندا سۆز قىلدى ۋە 20 قېتىم سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يەرمەنكىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئورۇن ئېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ پائالىيەت كۆرسەتتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى نومان قۇرتۇلمۇش، دۇنيادىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان رايونلاردىكى ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىش بىلەن يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈش مەقسەتتە بىر تۈزۈم قۇرىدىغان بولساڭلار دۇنيادا تىنچلىق تۈزۈمىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇمكىن بولمايدۇ. ئەمما ئىنسانلارنىڭ رەڭگى، دىنى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە قارىماستىن ھەزرىتى ئىنسان دەپ قارايدىغان بولساق ۋە ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشىدا ئەر - ئايال بىر جۈپ ۋە ياكى دىندا قېرىنداش دەپ قارىلىدىغان بولسا ئاندىن دۇنيادا تىنچلىق تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ.»

نۇمان قۇرتۇلمۇش سۆزىدە يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇرۇش، ئىشغالىيەت ۋە بېسىمنىڭ ئەڭ كۆپ قۇربانى بولۇۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ياشلار ئىكەنلىكىنى، ئەمما ياشلارنىڭ كەلگۈسى ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قارىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يەرمەنكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان، ئەرەنچە - ئايالچە بادام ۋە چىمەن دوپپىلار، كانۋا كۆڭلەكلەر، شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسى چۈشۈرۈلگەن كۆڭلەك ۋە شەپكىلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل چالغۇ ئەسۋابلىرى، قول ھۈنەرۋەنچىلىككە ئالاقىدار ھەر خىل رېشىلىيە - كەشتىلەر، خۇرجۇن، قامچا، داپ، چەينەك قاتارلىق بۇيۇملار كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ سېتىشقا چىقىرىلدى.

يەرمەنكىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ئېسىلغاندىن باشقا، مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ ھاجىپ، ئەلىشىر ناۋايى قاتارلىق ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن چوڭ ھەجىملىك رەسىملەر قويۇلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان 6 بەتلىك تەشۋىقات ۋاراقچىدىن 1000 پارچە تارقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەرمەنكىدە يەنە «ئوتتۇرا ئاسىيا مېھمان داستىخىنى» دېگەن رېستوران ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك تاماقلىرىنى تەييارلاپ سېتىشقا چىقىرىپ ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. ئۇيغۇر - ئۆزبېك تاماقلىرى دېگەن خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ يەردە بىز كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر تاماقلىرىدىن پولۇ، مانتا ۋە سامسىلارنى ياقتۇرۇپ يەۋاتقانلىقىنى ئۇچراتتۇق.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يەرمەنكىدە كۆرگەزمە ئاچقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى باشلىقى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مېھمان داستىخىنى رېستوراننىڭ خوجايىنى ئىلھامجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.