ياپونىيە فىلىپپىنغا چارلىغۇچى پاراخوت ياردەم قىلماقچى

ياپونىيىنىڭ نىككەي سودىسى گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياپونىيە يېقىندا فىلىپپىننىڭ خىتاي بىلەن تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز تەۋەلىكىنى قوغدىشى ئۈچۈن، يېڭى تىپتىكى چارلىغۇچى پاراخوت ياردەم قىلماقچى.

مەلۇم بولۇشىچە، فىلىپپىنغا بېرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان چارلىغۇچى پاراخوتىنىڭ ھەر بىرىنىڭ باھاسى 11 مىليون دوللار؛ ئەمما بېرىلىدىغان پاراخوتنىڭ سانى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيە فىلىپپىنغا چارلىغۇچى پاراخوت ياردەم قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ۋيېتنامنىڭ دېڭىز چارلىغۇچىلىرىنى ھەربىي تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەپ بەرمەكچى.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە خىتايغا قارشى قوشنىلىرىنى ھەربىي جەھەتتىن تەربىيىلەش ئۈچۈن جەمئىي 2.5 مىليارد ياپونىيە يېنى ئاجراتقان. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۆتكەن ئايدا فىلىپپىننى زىيارەت قىلىپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى رايوننىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان ئىدى. ياپونىيىنىڭ فىلىپپىنغا چارلىغۇچى پاراخوت ياردەم قىلىش ۋە ۋيېتناملىق دېڭىز چارلىغۇچىلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەش پىلانى يۇقىرىقى چاقىرىقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمى دەپ قارالماقتا.