فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يىغىن چاقىرماقچى

0:00 / 0:00

13-فېۋرال فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە چاقىرىلغان تىبەت بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ «تىبەت مۇستەقىللىق كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ ئالىي پالاتا ئەزاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى ئەنرى كاتولىن نۆۋەتتىكى جىددىيلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ فىرانسىيە پارلامېنتىدا جىددىي يىغىن چاقىرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن.

ئالىي پالاتا ئەزاسى ئەنرىي كاتولىن، فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن چاقىرىش، كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىنچلىق سۆھبىتىگە دەۋەت قىلىشقا پايدىلىق دەپ قارىغان.

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر مەزكۇر جەمئىيەت فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىنغا جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئىكەن.

نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.