3 - ئىيۇل فىرانسىيە پارلامېنتىدا 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى ھەمدە ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيىسى ئىلھام توختى مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىلىدىكەن.
فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن فىرانسىيە ئالىي پالاتا ئەزاسى ئاڭرې گاتتولىن تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە شۇنداقلا تۈرك، تىبەت قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىدىكەن.
فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىنغا ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان فىرانسىيەدە تونۇلغان سىياسىيون، ئالىي پالاتا ئەزاسى ئاڭرې گاتتولىن رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن.
بۇ قېتىمى فىرانسىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلىدىغان يىغىن 3 - ئىيۇل بىر كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، يىغىندا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ۋە غايىب بولغانلار مەسىلىسى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي تۈرمىسىگە مەڭگۈلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدىن ئىبارەت بىر قاتار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ بىگۇنا ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشتەك قەبىھ سىياسەتلىرىنى توختىتىش، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىشتەك بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
بىز، فىرانسىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلىدىغان بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00