2 - ماي شەنبە كۈنى فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى پارىژدىكى خىزمەت ئىشخانىسىدا كېڭەش يىغىنى چاقىردى.
فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم چاقىرىلغان كېڭەش يىغىنىغا پارىژ شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسىيا ئەللىرى دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان. يىغىندا ئاساسلىقى فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى مەركەز قىلغان ھالدا بۇنىڭدىن كېيىنكى پارىژدا بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىغان بەزى بىر سىياسىي پائالىيەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرلەشكەن. كېڭەش يىغىنى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن تۆتگە قەدەر داۋاملاشقان.
بىز يىغىن ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۇچۇن فىرانسىيە ئۇيغرۇ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
مۇخبىر: ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەركىن ئەپەندى، فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى كېڭەش يىغىنى چاقىرىپسىلەر، مۇشۇ يىغىن ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
ئەركىن: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بىز ئاسىيا تەۋەسىدىكى پۈتۈن تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە كېڭەش يىغىنى ئاچتۇق. بۇ كېڭەش يىغىنى ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ،بۇنىڭدىن كېيىن پائالىيەتلەرنى قانداق ئېلىپ بارىمىز دېگەندەك تىمىلاردا بولدى. يىغىنىمىز ناھايىتى ئوبدان ئۆتتى. بۇنىڭغا تەيۋەن، خوڭكوڭ، لائوس، ۋېيتنام قاتارلىق پۈتۈن ئاسىيا ئەللىرىدىكىلەردىن 7، 8 تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلى كەلدى. شۇنداق قىلىپ، شۇلار بىلەن ئۆز - ئارا بىر كېڭەش يىغىنى ئاچتۇق. بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلەرنى قانداق ئېلىپ مېڭىش توغرىلىق، 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تيەنئەنمېن ۋەقەسى توغرىلىق پاراڭلىشىپ ئۆتتۇق.
مۇخبىر: بۇ قېتىمقى ئېلىپ بارغان كېڭەش يىغىنىدا ئاساسلىقى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە نېمە مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردىڭلار؟
ئەركىن: ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھازىر بولۇۋاتقان ئەھۋاللار، يېڭى چىقىۋاتقان خەۋەرلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئاڭساڭ سۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بېرما تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى مۇسىپىغ ئاتلىق فىرانسۇز ئادەم:« پۈتۈن فىرانسىيە خەلقىمۇ ئۇزۇندىن ياقى ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى تىنچلىقپەرۋەر خەلق، بۇلار ھېچقانداق بىر چارىسىز ئەھۋالدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاستىدا ناھايىتى ئېغىر بېسىم ۋە ئېچىنىشلىق تەس بىر كۈندە ياشۋاتىدۇ، دەپ بىلىمىز» دېدى.
مۇخبىر: نۆۋەتتىكى بۇ يىغىندا سىز سۈرىيە مەسىلىسىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چېتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى ھەققىدە نېمىلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتىڭىز؟
ئەركىن: مەن «خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئەلۋەتتە بىزنى ئۇزۇندىن بېرى، تېررورچى قالپىقى بىلەن ئەيىبلەپ كەلدى. مەسىلەن: مۇشۇ ياۋروپا، مەيلى ئامېرىكا، كانادا، ھەممە دۆلەتلەردىكى بىزنىڭ تىنچلىقپەرۋەر تەشكىلاتلىرىمىزنى تېررورچىلارغا چېتىپ، باغلاپ سۆزلەپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدىمۇ ناھايىتى نۇرغۇن ئويۇنلار بار. بۇنداق ئويۇنلارغا ئالدىراپ ئىشىنىپ، توزاقلارغا چۈشۈپ كېتىپ قالساق ئەلۋەتتە بۇ، بىز ئۈچۈن ياخشى كۆرۈنۈش بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزنىڭ مەيدانىنى ناھايىتى مۇستەھكەملەپ، تىنچ يول بىلەن يەنى قانۇن ئارقىلىق مېڭىۋاتقان داۋايىمىزنى يەنىلا قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز.
مۇخبىر: بۇ قېتىمقى چاقىرغان بۇ يىغىنىڭلارغا پارىژدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسىيا ئەللىرىدىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىپتۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيىتىڭلاردا نېمىلەرنى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە قانداق پىلانلارنى پىلانلىدىڭلار؟
ئەركىن: ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى پائالىيەت توغرىلىق پاراڭ بولدى. بۇنىڭدا خىتاي دېموكراتچىلىرى 89 - يىلىدىكى ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ھەققىدە كەڭ كۆلەمدە ھەممە يەردە چاقىرىق ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇنىڭغا بىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ،7 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىمىزنى بۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش تەكلىپلىرىمىزنى بەردۇق. بۇنىڭغا ئۇلارمۇ ناھايىتى خوشاللىق بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى.
مۇخبىر: بۈگۈنكى چاقىرىلغان كېڭەش يىغىنىدىن قارىغاندا، سىز، ئاسىيا ئەللىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى قانداق دەپ ئويلىدىڭىز؟.
ئەركىن: خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر، ھەقىقەتەن تىنچ بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىمەن دېسە، ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي يېقىنلىشىشى، پۈتۈن ئاممىغا سەمىمىي يېقىنلىشىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن بولۇپمۇ، ئالدى بىلەن سىياسىي مەھبۇسلارنى يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىياسىي مەھبۇس دەپ قارىلىنىپ سولىۋېتىلگەن ئىلھام توختىدەك يازغۇچىلارنى سىياسىي دەپ قارىلىنىپ سولانغان مەھبۇسلارنى جىددىي قويۇپ بېرىشى كېرەك. ئاندىن ئۇيغۇر خەلقى بىرئاز ئىشىنىدۇ. بولمىسا سۈرىيەدىكى ۋە ياكى باشقا يەردىكى شىددەت يولىنى تاللاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىدىيەلىرىنى ئۆزگەرتىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي بىر تىنچلىقپەۋەر جەمئىيەت قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن زىيالىي، يازغۇچىلارنى، سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەك. دېمەك بىزنىڭ خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، مەيلى ئاسىيادىكى، مەيلى قايسى يەردە بولايلى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00