فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى يېڭىدىن سايلىدى

0:00 / 0:00

20-يانۋار كۈنى مەركىزى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ 4-نۆۋەتلىك سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. سايلامغا تەشكىلات رەھبەرلىرى، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولغان پارىژ شەھىرىدە ۋە باشقا شەھەرلەردە ياشاۋاتقان بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 80 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2008-يىلى پارىژدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات ئەينى ۋاقىتتا فىرانسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تەشكىلاتلىرى ھەم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىغا ئىشتىراك قىلغان. سايلام قائىدىسىگە بىنائەن بۇ قېتىم 4-نۆۋەتلىك سايلىمىنى ئېلىپ بېرىلغان.

سايلامدىن ئىلگىرى تەشكىلاتنىڭ كونا رەھبەرلىك ھەيئىتى سەھنىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئالدى بىلەن ئۆتكەن 4 يىللىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن، خىزمەت دوكلاتىدىن كېيىن مالىيە دوكلاتى بېرىلگەن.

سايلامغا ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەردان بارى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان. سايلامدا دېموكراتىك پرىنسىپلارغا ئاساسەن بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەشكىلات رەئىسى سايلاپ چىقىلغان بولۇپ، فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم ئۆمەر ئەپەندى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

رەئىسلىك سايلىمىدىن كېيىن تەشكىلاتنىڭ 3 نەپەر مۇئاۋىن رەئىسى، كاتىپى، مالىيە مۇدىرى، ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزالىرى ۋە تەپتىشى سايلاپ چىقىلغان. فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەكبەر يۈسۈپ ئەپەندى نەق مەيداندىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەئىسى ئالىم ئۆمەر ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۆزىنىڭ رەئىسلىككە سايلانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىدە نۇقتىلىق ھالدا فىرانسىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

ئالىم ئۆمەر ئەپەندى فىرانسىيەنىڭ ياۋروپادىكى مۇھىم دۆلەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ فىرانسىيەنى مەركەز قىلغان ھالدا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلار فىرانسىيەگە 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ھازىر فىرانسىيە بويىچە 500 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار ئىكەن. ئەكبەر يۈسۈپ ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

سايلامدا بېلەت تاشلىغان رىزۋانگۈل خانىم، سايلامنىڭ دېموكراتىيەلىك ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە رەئىس بولۇپ سايلانغان ئالىم ئۆمەر ئەپەندى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولۇپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۈرۈمچىدە پۈتتۈرگەندىن كېيىن 2004-يىلى فىرانسىيەگە كەلگەن. ئىلگىرى ئۇ فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.