فۇئات يالان خىتايغا قارشى يازغان پىكىرلىرى سەۋەبىدىن پارتىيىسىدىن قوغلاندى

0:00 / 0:00


دانىيەدە، پۈتۈن خىتايلارنى 140 دەرىجە ئىسسىقتا قاينىتىپ يوق ئېتىش كېرەك، دەپ پىكىر بايان قىلغان فۇئات يالان ئىسىملىك تۈرك پارتىيىدىن قوغلاندى.

دانىيەنىڭ ھېلسىنگۆر شەھىرىدە 20 يىلدىن بۇيان سوتسىيالىست دېموكراتىيە پارتىيىسىدىن سايلىنىپ شەھەرلىك مەجلىس ئەزالىقى ۋەزىپىسى ئۆتەپ كېلىۋاتقان فۇئات يالان ئىسىملىك كىشى پارتىيىسىدىن قوغلاندى.

سىنئالغۇ كۆرۈنۈشتە بىر ئۇيغۇر بالىنى قاتتىق ئۇرۇپ قىينىغان خىتايلارغا غەزەپلىنىپ، ئىجىمائىي ئۇچۇر - ئالاقە تور بېكىتى فېسبۇكتا، «پۈتۈن خىتايلار 140 دەرىجە قىززىقلىقتا قاينىتىلىپ يوق ئېتلىشى كېرەك» دەپ پىكىر بايان قىلغانلىق سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن دانىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىرىكلىشىشىگە سەۋەب بولغان فۇئات يالان، پارتىيىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ پارتىيىدىن قوغلاندى. سۇتسىيالىست دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ تەشكىلى ئاپپارات رەھبەرلىكى فۇئات يالانا شەھەرلىك مەجلىس ئەزالىقىدىن ئىستىپا ئەتكەن تەقدىردە پارتىيە ئەزالىقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما فۇئات يالان يازغانلىرى سەۋەبىدىن كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا قويۇلغان تەلەپ ۋە شەرتلەر توختىماي داۋام قىلغان.

فۇئات يالان، پارتىيسىدىن قوغلانغان بولسىمۇ، شەھەرلىك مەجلىس ئەزالىقىنى ساقلاپ قېلىپ ھېچ بىر پارتىيىگە ۋاكالىتەن ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل ھالدا ۋەزىپىسىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە رادىكال گېزىتىگە بايانات بەرگەن فۇئات يالان ئۆزىنىڭ پارتىيىدىن قوغلانغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ: مەن بىر خاتا ئىشلىدىم، ئەمما كەچۈرۈش سوراش ئارقىلىق خاتالىقمنى تۈزىتىشكە تىرىشتىم، ئەمما پارتىيە ئىچىدىكى بەزى كىشىلەر، خۇسۇسەن پ كى كى تەرەپدارلىرى ۋە تۈركىيىگە قارشى تۇرىدىغان ئەرمەنى تەرەپدار ئەزالار بۇنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيىدىن چىقىرىلىشم ئۈچۈن ۋەقەنى كۆپتۈردى. مېنى مەجلىس ئەزالىققا بۇ يەردە ياشايدىغان تۈركلەر سايلىدى. جەمئىيەتتە مېنى سايلىغۇچىلارغا ۋەزىيەتنى ئاڭلاتتىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ، مېنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مەجلىس ئەزالىقىمدىن ئىستىپا ئەتمەسلىكىمنى تەلەپ قىلدى، مەن ئۇلارغا خىزمەت قىلىشنى داۋام قىلىش ئۈچۈن مەجلىس ئەزالىقىدىن ئىستىپا بەرمىدىم. مېنىڭ مەجلىس ئەزالىقىم سۇتسىيالىست دېموكراتىيە پارتىيىسىدىن ھېلسىنگۆر شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە 20 يىلدىن بۇيان كۈچلۈك خىزمەت قىلغانلىقىم مۇھىم رول ئوينىدى، ئەمدى بولسا بىر قەلەم بىلەن مېنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى. ماڭا ھەقسىزلىق قىلىنغانلىقىنى ۋە رەنجىگەنلىكىمنى ئىپادىلەشنى خالايمەن، دېدى.

سوتسىيالىست دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ رايونلۇق تەشكىلات رەئىسى ۋىبېكە سچمدت، فۇئات يالاننى پارتىيىدىن چىقىرىش قارارىنى ئېلىشنىڭ قىيىن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىز ئۈچۈن بەك قىيىن بولدى. فۇئاتنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تونۇيمەن، ئەمما پارتىيىدىن چىقىرىش قارارى سەۋەبسىز ئېلىنمايدۇ. بىر مەسىلىدە ئۇزۇن بەس - مۇنازىرە قىلىپ بىر تەرەپ بولمىغان ھامان، تەشكىلى ئاپارات رەھبەرلىكى ئالغان قارارنى نورمال قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ.

فۇئات يالان ئەپەندى، يەنە بىر قېتىمقى سايلام بولىدىغان ۋاقىتقىچە شەھەرلىك مەجلىستە مۇستەقىل ئەزا بولۇپ ۋەزىپىسىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى سايلامدىكى مەجلىس ئەزالىقىغا باشقا بىر پارتىيىدىن نامزات بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ۋەقە دانىيەنىڭ چوڭ گېزىتلىرىدە باش تېما بولۇپ تارقالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ دانىيە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، بىز مەشھۇر بولغان بىر سىياسەتچىنىڭ سۆزلىرىنى ئەنگە ئالدۇق ۋە بۇنى پۈتۈنلەي ئىرقچىلىق دەپ قارايمىز، يەنە بىر قېتىم بۇنداق بولماس دەپ ئۈمىد قىلىمىز، دېگەن.