ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما لائوستا جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى تەكىتلىدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خاڭجۇ شەھىرىدىكى گ-20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن لائوسقا يېتىپ كېلىپ، ئۇ يەردە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى.

خىتاي جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ تامامىنى دېگۈدەك ئۆزىگە تەۋە دەپ، ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى قاتتىقلاشتۇرغان بىر مەزگىلدە، باراك ئوباما لائوستا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقى، دېڭىز يولىنىڭ ئوچۇق بولۇشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. كۆزەتكۈچىلەر ئىككى دۆلەتنىڭ رايوندا ئۆز ‏-ئارا تىركىشىش ۋەقەلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە.

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 85 پىرسەنتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان 20 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى 4-5-سېنتەبىر كۈنلىرى خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىگە يىغىلىپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مۇھىت مەسىلىلىرى ئۈستىدە كۆرۈشكەن ئىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، يىغىندا سودا-تىجارەت، دۇنيا ئېكولوگىيىسىنىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش، سۈرىيە كرىزىسى، پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسى دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرىلەر بولغان. يىغىندا يۇقىرىدىكى بەزى ساھەلەردە بىر قاتار كېلىشىملەر ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما سۈرىيە كرىزىسى ۋە سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بىر كېلىشىم تۈزۈلمىگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا بۇ ئەھۋالنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خاڭجۇدىكى يىغىننى ئاياغلاشتۇرۇپلا، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن لائوسقا يېتىپ كەلگەن. ئۇ لائوستا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئاسىيا دۆلەتلىرىدە دېموكراتىيىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا مۇھىم سۆز قىلغان. ئۇ نۇتقىدا، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھەربىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تېررىتورىيىلىك پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. ھەربىر دۆلەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. بىز چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كىچىك دۆلەتلەرنى كونترول قىلماسلىقى، ھەممە دۆلەتنىڭ بىر خىل قائىدىگە بويسۇنۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز.»

ئوباما سۆزىدە يەنە، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى شېرىكلىرىنى قوللاشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «ئامېرىكىنىڭ شېرىك دۆلەتلىرى شۇنى ئېنىق بىلىشى كېرەككى، سىلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىڭلەر بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىزدۇر. بىز شېرىكلىرىمىزنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا، دېڭىز ۋە ھاۋا يوللىرىنىڭ ئوچۇق بولۇشىغا ۋە دۆلەتلەر ئارا تىجارەتنىڭ قانۇن ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى، زىددىيەتلەرنىڭ تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىنىش مەسىلىلىرىدە بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋام قىلىمىز» دېدى. ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ «ئامېرىكا شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئوچۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا ئۇ يەرلەردە سەپەر قىلىشنى ۋە ئۇچۇشنى داۋام قىلىدۇ ھەم شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىغا ياردەم قىلىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ لائوستا قىلغان سۆزىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى، ئاخبارات-ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن : «ئەركىن ئاخبارات ئارقىلىق كىشىلەر ئادالەتنى كۆزىتىپ تۇرالايدۇ. ئەركىن ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق كىشىلەر ئىدىيە ئالماشتۇرالايدۇ. مۇستەقىل ئەدلىيە ۋە ئەركىن سايلام ئارقىلىق كىشىلەر ئۆزى خالىغان كىشىنى سايلاش ھوقۇقىغا ئېرىشەلىشى كېرەك. بۇلار ھەممىسى ھەربىر ئىنسان ئېرىشىشى كېرەك بولغان ھوقۇق. بىر دۆلەتتە ھەر بىر كىشى ئۆز غۇرۇرى بىلەن ياشاش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن مۇقىملىق بەرپا بولىدۇ. غۇرۇر دېگەنلىك ئۆزى خالىغانچە ياشاش ۋە ئىبادەت قىلىش ھوقۇقى دېگەنلىك. بىرمادىكى مۇسۇلمانلار ئۆزىنى دۆلەتنىڭ بىر پارچىسىدەك ھېس قىلىشى، خىتايدىكى بۇددىستلار ۋە خرىستىئانلار ئەركىن ھالدا دىنغا ئىشىنەلىشى كېرەك. غۇرۇر دېگەنلىك ھەر بىر كىشى مەيلى نەدىن كەلگەن بولۇشى، كىمنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ياكى چىرايىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى قانۇن ئالدىدا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئېرىشىش دېگەنلىكتۇر.»

ئوباما سۆزى ئاخىرىدا، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا سۆزلەشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ھەم دېموكراتىيىنىڭ ئاسىيادىكى ئەللەردە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە بۇنىڭغا ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە تەيۋەن قاتارلىقلارنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «بىز زوراۋانلىققا، تەھدىتكە ئۇچرىماي تۇرۇپ، يوقاپ كېتىش خەۋپى بولمىغان ئاساستا بىر دۆلەتتە پىكىر ئەركىنلىكى، يىغىلىش-نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى، تىنچلىق بىلەن جەمئىيەت قۇرۇش ئەركىنلىكى بولغان تەقدىردە دۆلەتنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەن.

گ-20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ۋە شۇنداقلا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا يىغىنىدا بولسۇن، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ دىققەت قىلغىنى ئامېرىكا ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرى بولدى. چۈنكى خاڭجۇدىكى يىغىنمۇ باراك ئوبامانىڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈشى ئۈچۈن خىتاي تەرەپ يۆتكىلىشچان پەلەمپەي تەمىنلىمىگەنلىكتىن چىققان سۈركىلىش بىلەن باشلانغان ئىدى. بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەردە، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىشىنىڭ خىتاينى بىئارام قىلىۋاتقانلىقى، شۇڭا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئۇششاق سۈركىلىشلەرنىڭ ئەمدى كۆپىيىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان. ۋال سىترىت ژۇرنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ توسالغۇسىز بولۇشىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى خاڭجۇدىكى مەزگىلىدىمۇ قايتا-قايتا تەكىتلەپ، شى جىنپىڭنى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا ئىش قىلىشقا چاقىرغان. بىراق، دەل شۇ مەزگىلدە يەنە فىلىپپىن دائىرىلىرى خىتايغا ئائىت قازغۇچى پاراخوتلارنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ سىكاربورۇ شوئال دېگەن رايونىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. فىلىپپىن دائىرىلىرى خىتاينىڭ رايوندىكى 7 سۈنئىي ئارال قۇرۇلۇشىغا قوشۇپ يەنە بىر ئارال ياساۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلغان. ۋال سىترىت ژۇرنىلىدىكى مۇلاھىزىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇنى ئېنىق تەكىتلەپ تۇرغان بىر شارائىتتا، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزىدە قانچىلىك تۇرالايدىغانلىقىنى سىنىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلىرى دۇنيا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا خىتاينىڭ زورىيىشى ۋە ئۇنىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ئۆزى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك «ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرلىك»مۇ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلماقتا. ئاۋسترالىيە خەۋەرلەر تورى داڭلىق بىر ئوبزورچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ «خىتاينىڭ زورىيىشىنى ئەمدى دوستانە دەپ قاراشقا بولمايدۇ» دەپ يازغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئوبزورچى فرەنك چىڭ خىتاينىڭ زورىيىشىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ دۇنيانىڭ مەركىزىدە بولۇش ئوي-پىكرىنىڭ ئەزەلدىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە «خىتاي ئاللىقاچان بۇنىڭ بېشارەتلىرىنى بېرىپ بولدى» دېگەن.