مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ گاز مەسىلىسىدە ئىختىلاپلار كۈچەيمەكتە

0:00 / 0:00

كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئارىسىدىكى گاز مەسىلىسىنىڭ جىددىيلىشىپ، ئۆزئارا زىددىيەتلەرنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ كەڭ زېمىندا ئېنېرگىيە ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش يولىدىكى ئاساسىي كۈرەش رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا كېتىۋاتماقتا. ئامما بەزى ئانالىزچىلار زىددىيەتنىڭ ئىلگىرى ئىتتىپاقداش بولغان سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

رۇسىيەنىڭ «ۋوئېننوئې ئوبوزرېنىئې» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئىۋان لىزانىڭ «ئۆزبېك-قىرغىز گاز ئۇرۇشى: كىم ھەق، كىم گۇناھكار ۋە نېمە قىلىش كېرەك» ناملىق ماقالىسىدە ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ كېلىپ-چىقىش سەۋەبلىرى چۈشەندۈرۈلىدۇ.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مۇبادا ئۆزبېكىستان قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىغا گاز يەتكۈزمەيدىغان بولسا، ئۇ چاغدا قىرغىزىستان ئۆزبېكىستاننىڭ سوخ رايونىنى گازسىز قالدۇرىدىغانلىقى بىلەن پوپوزا قىلغان. ئى. لىزا بۇ ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئاساسىي سەۋەبىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرىدۇ: «ھەقىقەتەنمۇ، ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ قوشنىلىرى بىلەن بولغان ئىنتايىن كەسكىن مۇناسىۋەتلىرىدە بولماقتا. ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ چېگرالىرى مۇشۇ كۈنگىچە بۆلۈنمىگەن ھەم بەلگىلەنمىگەن: تەرەپلەر بىر كېلىشىمگە كېلەلمەيۋاتىدۇ ۋە ئۆزئارا تېررىتورىيىلىك جېدەللەرنى ھەل قىلالمايۋاتىدۇ. شۇنىڭ سەۋەبىدىن چېگرادا ھەر خىل توقۇنۇشلار ھەيران قالارلىق ھالدا پات-پاتلا يۈز بەرمەكتە: يوللارنىڭ توسۇۋېلىنىشىدىن باشلاپ ئوق ئېتىش بىلەن تاماملانماقتا».

ماقالە ئاپتورى بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە سۇ مەسىلىسىنىڭمۇ خېلى جىددىيلىشىپ، ئىككى ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر مەركىزىي ئاسىيا گازىنى كۆپ مۆلچەردە ئىمپورت قىلىۋاتقان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى خىتاي بولۇپ قېلىۋاتماقتا.

رۇسىيەنىڭ «سلون.رۇ» ئاگېنتلىقى باسقان «خىتاي 4 يىل ئىچىدە گاز ئىمپورتىنى رېكورتقىچە كۆپەيتتى» ناملىق ماقالىسىنىڭ ئاپتورى ئىرىنا ريابوۋا خىتايدىكى گاز ئىمپورتىنىڭ بىر يىل ئىچىدە 27 پىرسەنتكە ئۆسكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، خىتايغا كېلىۋاتقان گازنىڭ ئاساسىي قىسمىنىڭ تۈركمەنىستانغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، يەنى 2013-يىلى ئۇنىڭ 88 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇنى رۇسىيەنىڭ «ۋويېننو-پرومىشلېننىي كۇريېر» دېگەن يەنە بىر ھەپتىلىك گېزىتىدە بېرىلگەن «تۇرۇبىلار ئۇرۇشى. ۋاشىنگتون ۋە بريۇسسېلنىڭ ھازىرقى باش ۋەزىپىسى-رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئارقىلىق ئۆتىدىغان گاز يولىنى ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇرلاش» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى، يېقىن شەرق ئىنستىتۇتىنىڭ پرېزىدېنتى يېۋگېنىي ساتانوۋسكىيمۇ تەستىقلىغان بولۇپ، ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇكرائىنادا شەكىللەنگەن ۋەزىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا، ياۋروپا، خىتاي ۋە مەركىزىي ئاسىيا، شۇنداقلا خىتاي ۋە مەركىزىي ئاسىيا، ئەرەب مەملىكەتلىرى ئارىسىدىكى گاز مەسىلىسىگە ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى رىقابەتچىلىككە ئائىت دۇنيا ئانالىزچىلىرىنىڭ پىكىر-تەخمىنلىرى ئەتراپىدا مۇلاھىزە قىلىدۇ.

ئەمدى «سېنتىر ئاسىيا» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى رۇسىيە ۋە خىتاي گاز شەرتنامىسىدىن مەغلۇپ بولماقتا» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىر رۇسىيە-خىتاي گاز تۇرۇبىسى خىتايغا يەتكۈزۈلىدىغان قوشۇمچە يېقىلغۇ يولى بولۇپلا قالماي، ئۇ شۇنداقلا مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر قىلىدىغان ئامىل بولۇپ قالماقتا ئىكەن.

ماقالىدە مەركىزىي ئاسىيادىن خىتايغا ماڭىدىغان گاز تۇرۇبىسىنىڭ تۆت ئاساسىي يول ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، ھەر قايسىنىڭ قانچىلىك مىقداردا گاز يەتكۈزىدىغانلىقى يارقىن مىساللاردا كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر ماقالىدە ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان ھەم تۈركمەنىستان، تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستان ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن، ئۆزبېكىستان پات-پاتلا قەرىزلەرنى سەۋەب قىلىپ، تاجىكىستانغا بارىدىغان گاز تۇرۇبىلىرىنى يېپىۋەتكەن. ئۆز نۆۋىتىدە تاجىكىستانمۇ ئاساسسىز سەۋەبلەرگە بىنائەن تۈركمەنىستان گازىدىن باش تارتقان.

ماقالىدە شۇنداقلا تۈركمەنىستان، خىتاي ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە باھا بېرىلگەن بولۇپ، ئانالىزچى ئاندرېي ماتۋېيېفنىڭ پىكرىچە، خىتاي ۋە تۈركمەنىستان قازاقىستاننى شېرىكلىكتىن سىقىپ چىقىرىش ھەرىكىتىنى قىلىۋاتماقتا. ئۇ بۇنىڭ مۇنداق سەۋەبلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: بىرىنچىدىن، خىتاي قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ 2014-يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا ئېلان قىلغان مۇراجىيەتنامىسىدە كۆرسىتىلگىنىدەك قازاقىستاننىڭ 2050-يىلى 50 تەرەققىي ئەتكەن دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىش پىلانلىرىغا رازى ئەمەس. ئەگەر قازاقىستان تەرەققىي ئەتكەن مەملىكەت بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا خىتايغا بۇ رايوندا ئۇنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن ھېسابلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئىككىنچىدىن، تۈركمەنىستانغا قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈشى تامامەن ياقمايدۇ ھەم ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەر قانداق سېلىشتۇرۇش ئوچۇقتىن-ئوچۇق تۈركمەنلەرگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ... ئۈچىنچىدىن، قازاقىستاننىڭ تاموژنا ئىتتىپاقىغا كىرىشى ۋە رۇسىيە بىلەن ھەرتەرەپلىمە بىرىكىشى. يېڭى تاموژنا چېگراسى ۋە يېڭى باجلار خىتاي توۋارلىرىنىڭ ئېقىمىنى قىسقارتتى ھەم بۇ جەرياندا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ سۈرىتىنى بۇزدى.

ئانالىزچى ئا. ماتۋېيېف بۇ يەردە شۇنداقلا خىتاينىڭ قازاقىستان تېررىتورىيىسى ئارقىلىق ئۆتىدىغان گاز تۇرۇبىسىنىڭ يېڭى يولىنى سېلىشتىن باش تارتىش ئارقىلىق قازاقىستاننى جازالىماق ئويىدا بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مەزكۇر ماقالىدە خىتاي سىياسىتىنىڭ قازاقىستاننى مەركىزىي ئاسىيانىڭ قالغان قىسمىدىن، يەنى قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاندىن بۆلۈۋېتىشكە، بۇ رايوننىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ھەم ئىختىيارىي ھالدا، ھەم مەجبۇرىي ھالدا ئۆز شېرىكلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا قارىتىلغانلىقى ئېيتىلغان.