گېرمانىيەنىڭ برەمەن شەھىرىدە بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00


خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ بېرىشى، گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان يۈزلىگەن تۈرك ئۆزلىرىنىڭ قان ۋە دىن قېرىنداشلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە گېرمانىيەنىڭ برەمەن شەھىرىدە يىغىلىپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كەڭ - كۆلەمدە بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى

مەركىزى گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ياۋرۇپا تۈرك - ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى نامايىشقا گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان 300 ئەتراپىدا تۈرك ۋە ئۇيغۇر قاتناشتى.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىرلەشمە نامايىشقا قاتنىشىپ، سۆز قىلدى. ئۇ، نۇتۇقىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىق كۈرىشىنى بۇرۇندىن تارتىپ قوللاپ - قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان تۈركلەرگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، نامايىشچىلارغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تېررور سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

نامايىش ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋرۇپا تۈرك ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى جىددىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركلەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ مىللىي دەۋاسىنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قوللاپ - قۇۋۋەتلەپ كەلمەكتە.