16 - نويابىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە يىمىرىلىشتىكى سەۋەبلەر توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.
مۇراسىمدا ئالدى بىلەن خەتمە قۇران قىلىندى ۋە شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلدى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ۋە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بۇ مۇراسىمدا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسلەر، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى باشلىقى ئەنۋەر جان قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى. جەمىيەت رەئىسى ئەنۋەر جان ئەپەندى، ئۇ سۆزىدە 1933 - يىلى، 12 - نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944 - يىلى 12 - نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا توختالدى. كېيىن ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىسلەر ئارقا - ئارقىدىن سۆز قىلىپ، ئىككى جۇمھۇرىيەت تارىخى ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىش - ئىزلىرى توغرىسىدا توختالدى. تۆۋەندە نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن مەلۇماتىمىزنى ئاڭلىتىمىز.