گېرمانىيەدىكى كۆرگەزمىگە ئىككى ئۇيغۇر قەبرىسى قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2015.12.04
germaniye-uyghur-korgezme-2015.jpg كۆرگەزمىدىكى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغانلارغا ئاتاپ ياسالغان قەبرىلەر
RFA/Ekrem


گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇھى شەھىرىدىكى كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئۇيغۇر قەبرىلىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغانلارغا ئاتاپ ياسالغان بولۇپ، بۇ قەبرىلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ كۆرگەزمە بۇ يىل 4 - سېنتەبىر ئېچىلغان بولۇپ، 2016 - يىلى 16 - يانۋارغىچە داۋام قىلىدىكەن.

كارلىسرۇھى شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ بۈگۈن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، كارلىسرۇھى شەھىرىنىڭ قۇرۇلغىنىغا بۇ يىل 300 يىل تولغان بولۇپ، بۇ تارىخنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ھەرخىل مەزمۇنلاردا ئۆتكۈزۈلگەن. كارلىسرۇھى شەھىرىنىڭ 300 يىللىق تارىخىنى ئەسلەش يۈزىسىدىن شەھەرلىك مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمە، بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ بىر تېمىسى بولغان. كۆرگەزمىگە مەزكۇر شەھەرنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلىتىدىغان تۈرلۈك بۇيۇملار تىزىلغاندىن سىرت، دۇنيادىكى ئاسارەت ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇتىدىغان كۆرۈنۈشلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئۇيغۇر مازارلىقى شۇنىڭ جۈملىسىدىن بىرى بولغان.

ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كۆرگەزمىنى بادەن ۋۇرتېنبېرگ ھۆكۈمىتى فوندى، ئەئۇرونەۋس، 300 يىللىق توينى خاتىرىلەش خىزمەت گۇرۇپپىسى، بادەنۋۇرتېنبېرگ ئېنېرگىيە مەركىزى قاتارلىق ئورگانلار قوللىغان. كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئۇيغۇر مازارلىقىنى كارلىسرۇھى مۇزېيى ئۆز ئالدىغا ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ يەردىكى ئىككى قەبرە ۋە 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىتىگە ئائىت مەلۇماتلارغا ئۇلارنىڭ قانداق ئېرىشكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئۇلار، كارلىسرۇھى شەھىرىدە ياشايدىغان ئەنۋەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت بۇيۇملار بىلەن تەمىنلەشنى ئىلتىماس قىلغان.

ئەنۋەر ئەپەندى بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، بۇ يەردىن ئۇيغۇرلارغىمۇ بىر كىشىلىك ئورۇن بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەتلىرىنى بىلدۈرگەن ھەمدە كۆرگەزمىگە قويۇلغان قەبرىلەر ھەققىدە سورىغان.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەپەندى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللىرىغا مۇراجىئەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.