ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00


5 - فېۋرال كۈنى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نامايىش ئېلىپ باردى.

نامايىشنى باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى تەشكىللىگەن بولۇپ، 5 - فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00تە باشلانغان بۇ نامايىش سائەت 16:00 گە قەدەر داۋاملاشتى.

نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار غۇلجا ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل لوزۇنكا ۋە شوئارلارنى، جۈملىدىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى قولغا ئېلىنغان سىياسىي مەھبۇسلار، ئىلھام توختى قاتارلىقلارنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن لوزۇنكىلارنىمۇ كۆتۈرۈشكەن ئىدى.

بىز نەق مايدانغا بېرىپ، نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى، قۇرۇلتاينىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنىۋەرجان، قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.