گېرمانىيەنىڭ شىمالىي رەن ۋېستفاليا ئۆلكىسىدىكى دورتمۇند شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزدى. 21 - مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىگە دورتمۇند شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار، تۈركلەر ۋە گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن ۋە فرانكفۇرت شەھىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان بەزى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى بولغان نورۇزدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋېلى تۇرسۇن ئەپەندى ۋە نەبى غۇلام ئەپەندىلەر نورۇز توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن، نورۇز شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغان. نورۇز ئېشى قىلىپ نورۇز ئەھلىگە تارقىتىپ بەرگەن. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان نەبى غۇلام ۋە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي ئۆرپ - ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل مىللىي بايراملار ئارقىلىق ياش ئەۋلادلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ ۋە ئادىتى، تارىخى ۋە تىلىنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

نەبى غۇلام ئەپەندى بولسا، گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدىن قالسا دورتمۇند شەھرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتىنىڭ بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى چوڭ نورۇز پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كۈندۈز بىلەن كېچە تەڭلەشكەن كۈن بولۇپ، پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى مىللەتلەر قەدىمدىن تارتىپ بۇ كۈننى نورۇز بايرىمى دەپ قۇتلاپ كەلمەكتە.