ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە گېرمانىيە تۈركلەر ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت. يېقىنقى يىللاردىن بېرى گېرمانىيەگە پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە ئىكەن. بۇلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ مەسىلىلەرمۇ كۆپەيمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىشنىڭ يوللىرى ۋە پائالىيەت پىلانلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
22 - مارت كۈنىيۇقۇرىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھە شەھرىدە يىغىن چاقىرىلدى. يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى، ياۋروپا تۈرك فېدېراتسىيەسىگە ئەزا 20 تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى قاتناشتى. يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە 8 كىتاب يازغان ئوسمان شەن ئوزان ئەپەندى، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى تېمىسىدا»، ئەنۋەر ئوسمان ئەپەندى بولسا «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىقتىسادىي بايلىقلارنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنىشى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. بۇ دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن گېرمانىيە ۋە فرانسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 20 ئەتراپىدا تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتى ۋە د ئۇ ق مەسئۇللىرى ياۋروپاغا يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارغا قانداق يار - يۆلەك بولۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە بولۇپمۇ گېرمانىيەدە قانداق ئېلىپ بېرىش مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ئاخىرىدا ئۇيغۇر خانىم - قىزلار تەييارلىغان تاماقلارغا ئېغىز تەككەش شېئىر دېكلىماتسىيە قىلىنىپ، ئۇيغۇرچە ناخشىلار ئورۇندالدى.
ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
0:00 / 0:00