1818 - ئىيۇل كۈنى گېرمانىيىنىڭ نۈرنبېرگ شەھەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سەنئەت ۋە مەدەنىيەتلىرىنى كۆرەك قىلىش پائالىيىتىنى نۈرنبېرگ شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ھەمدە چەتئەللىكلەر مەجلىسى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، تۈركلەر ۋە ھونلار بىلەن بىرلىكتە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ھەۋەسكارلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
نۈرنبېرگ شەھىرىدىن نەق مەيداندىن ئالغان مەلۇماتىمىزغا ئاساسلانغاندا، ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئىشتىن سىرتقى ئۇيغۇر سەنئەت ھەۋەسكارلىرى قاتناشقان بۇ پائالىيەتكە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى، ئۇيغۇر فولىكلورى تەتقىقاتچىسى نۇرنىسا خانىم ۋە ئۇسۇل ئۇستازى خالىسە خانىملار يىتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئورۇنلانغان ئۇيغۇر ئۇسۇللىرى، ناخشىلار، شىئېرلار ۋە ئۇيغۇر چۆچەكلىرىنى ئاساس قىلغان نومۇرلار، ئۇيغۇر كىيىم - كېچەكلىرى نامايەندىسى، دولان مەشرىپى قاتارلىقلار پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ زوقىنى كەلتۈردى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان گېرمانىيىدە ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەتقىقات ۋە پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن نۇرنىسا خانىم نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىدىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە يىل ئاخىرىغىچە گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا پائالىيەتلىرىنىڭ سانىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە گېرمانىيىدە تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا، قىزىقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەزىز ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تەسىرىدىن، تاماشىبىنلارنىڭ رازىمەنلىكىدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى. پائالىيەتتە ئۇيغۇر كىلاسسىك ناخشىلىرىدىن «يا دوست» نى ئورۇنلىغان ئىليارمۇ ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت كىشىلىرى قاتناشقان بۇ كۆرەكنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ قان قېرىنداشلىرىدىن تۈركلەر ۋە ھونلار بىلەن بىرلىكتە نومۇر ئورۇنلىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ نومۇرلىرى ئارىسىدا يەنە يىراق تارىختىكى ئۇيغۇر ئىمپىراتورلۇقىنى نامايەن قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەرگە ئورۇن بېرىلگەن. سەھنىدە رول ئالغان ئۇيغۇرلار قويۇق مىللىيچە كېيىملەر بىلەن ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنى جەلپ قىلغان. پائالىيەت مۇقەددىمىسىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، تارىخى، مەدەنىيىتى ھەمدە بۈگۈنى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈلگەن.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولسا، بۇ پائالىيەت يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە تۈركلەرنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتايغا قارشى 40 قېتىمدىن ئارتۇق چوڭ نامايىش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىنكى بىر ۋەزىيەتتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ نامايىشلارغا 10 مىڭلارچە تۈرك خەلقى قاتناشقان ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى گېرمانىيەدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلغان ئىدى. ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىش كۈچەيگەن بىر چاغدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ كۆرسەتكەن تۈرلۈك نومۇرلىرى تاماشىبىنلارنى يەنە بىر قېتىم جەلپ قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى قىياپەت، مەيلى مەدەنىيەت، مەيلى تىل ۋە تارىخ جەھەتتىن خىتاي بىلەن قىلچە ئورتاقلىقى بولمىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان.
0:00 / 0:00