ميۇنخېندىكى ئىپتاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرى قاتتىق ئەيىبلەندى

0:00 / 0:00


د ئۇ ق نامىدا 25 - ئىيۇن كۈنى ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتارلىق پائالىيەتكە گېرمانىيە، تۈركىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ كونسۇللىرى ۋە باۋارىيەدىكى چوڭ پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى، تۈرك ۋە ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ رەئىسلىرى ھەمدە 200 گە يېقىن ئۇيغۇر، تۈرك جامائىتى قاتنىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئورتاق رەۋىشتە قاتتىق ئەيىبلىدى.

25 - ئىيۇن كۈنى «دىيانەت ئىشلىرى تۈرك ئىسلام مەركىزى» دەرنىكىنىڭ چوڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتارلىق پائالىيەتكە داخىل بولغۇچىلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، سىياسىي سالاھىيىتى يۇقىرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىپتاردا بىرگە بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ نۇتۇقلىرىنىڭ ناھايىتى تەسىرلىك بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىپتار سورۇنىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان تۈركىيە، ئامېرىكا كونسۇللىرى ۋە گېرمانىيەدىكى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئاشكارا رەۋىشتە قاتتىق ئەيىبلىشىگە قارىتا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ئىپادە بىلدۈرۈپ: «بۇ، دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئىگە چىقىدىغان زامانىنىڭ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.

بۇ مەسىلىگە قارىتا ئىنكاس بىلدۈرگەن د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنۋەرجان ئەپەندى بولسا:«دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى تېخى ئەمدى چۈشەندى» دېدى.

سورۇندا يەنە د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە ئېغىر خورلۇققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دەردلىرىگە دائىر ئەمەلىي مىساللارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. قۇرۇلتاي دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىم بۈگۈن تولىمۇ خەيرلىك بولغان بىر ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئىپتار پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. سورۇندا دۇئا - تىلاۋەت قىلىندى ۋە شېھىتلار روھىغا ئاتاپ دۇئالار ئوقۇلدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ پات پۇرسەتتە ھۆر، مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئايلىنىشىغا بولغان ئىستەكلەر جانابى ھەقتىن ئاشكارا تىلەنگەن، يۈزلەرچە قول دۇئاغا كۆتۈرۈلدى ۋە سورۇننى «ئامىن!» سادالىرى لەرزىگە سالدى.