10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى يېتىپ كەلگەن مەزگىلدە، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» دەپ ئېلان قىلىنغان كۈننى خاتىرىلىدى. ئۇلار بۇ نامايىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسارىتىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ سەمىگە سېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. تۆۋەندە نامايىش ئەھۋالىدىن مۇخبىرىمىز ئىرادە مەلۇمات بېرىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى 1 - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا «ۋەتەنپەرۋەرلىك»، «جۇڭگونى سۆيۈش» دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار مەزمۇن قىلىنغان پائالىيەت ۋە ھەرىكەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 67 يىللىقىنى خاتىرىلىمەكتە. خىتاي مەتبۇئاتلىرى،بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 67 يىللىقىنى خۇشال - خورام ھالدا كۈتۈۋېلىۋاتقانلىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلماقتا.
بۇنداق خەۋەرلەر ئىچىدە ئەڭ ۋەكىللىك بولغىنى، خىتايدىكى رەسمىي مەتبۇئاتلاردىن خەلق تورىنىڭ خەلقئاراغا تارقىتىلىدىغان ئىنگلىزچە خەۋەرلىرىدىكى باغراش ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ «بۇ يىل ئالغان مول ھوسۇللىرىدىن دۆلەت بايرىقى ياساپ ۋەتەنگە بولغان سۆيگۈسىنى ئىپادە قىلغانلىقى» ھەققىدىكى خەۋەردۇر. بۇ رەسىملىك خەۋەردە، مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىشىۋالغان ھەر مىللەت دېھقانلىرىنىڭ بىر قولىدا خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، قىزىل مۇچ، قوناقلارنى تىزىپ خىتاي دۆلەت بايرىقىنىڭ شەكلىنى چىقىرىۋاتقان ۋە بۇ بايراق ئالدىدا چۈشكەن رەسىملىرىنى كەڭ تارقىتىپ تەشۋىق قىلدى. خەۋەردە رەسىملەرگە مۇنداق دەپ ئىزاھات بېرىلگەن :
« 29 - سېنتەبىر، شىنجاڭ باغراش ناھىيىسىدىكى ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچى ئامما قۇرۇتۇش مەيدانىغا جەم بولۇپ، بۇ يىل مول ھوسۇل ئالغان مۇچ، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزگىچە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ياساپ، ۋەتىنىمىزنىڭ 67 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ، ۋەتەنگە بولغان قىزغىن ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى. بۇ بايراقنى شۇ جايدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل، تۇڭگان ۋە خىتاي دېھقانلىرى بىرلىكتە ياساپ چىقىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق دۆلىتىگە بولغان مۇھەببىتى ئىزھار قىلدى.»
يۇقىرىدىكى بۇ خەۋەر ئوخشاش رەسىم ۋە ئىزاھاتلار بىلەن تەڭرىتاغ تورى ۋە جۇڭگو خەۋەرلەر تورىدىمۇ خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە قىلىپ تارقىتىلدى.
ئەمما خىتاينىڭ يۇقىرىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەكسىچە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ كۈنلەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. بۈگۈن، گېرمانىيدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى باشلىقى ئەنۋەر ئەپەندىلەر نامايىش مەيدانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
نامايىشقا چىققان ئۇيغۇرلاردىن بىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ۋە مىللىي، دىنى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭغا قارشى ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئاۋازىنى قوشۇپ، ئۇنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن نامايىشقا چىققانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە ھەم ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى ئاۋازىنى چىقىرالمايۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن بۇنداق نامايىشلارغا قاتنىشىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆكتەبىر كۈنىنى ماتەم كۈنى قىلىپ خاتىرىلەش ھەرىكىتىنى داۋام قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرگىزمۇ بۇ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدا سىلەر گېرمانىيسىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى نامايىش مەيدانىدىن ئېلىنغان خەۋەرنى ئاڭلىدىڭلار.
0:00 / 0:00