گېرمانىيەنىڭ 3 شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى مەركىزى گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ياۋروپا تۈرك ئىسلام بىرلىكىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت، دوسەلدورف ۋە دامستەر قاتارلىق 3 شەھىرىدە «ئاتا ۋەتەن شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بەردى.

8 - نويابىر كۈنىدىن 11 - نويابىر كۈنىگىچە ياۋرۇپا تۈرك ئىسلام بىرلىكىنىڭ گېرمانىيەنىڭ 4 شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 4 شۆبىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر 4 قېتىملىق دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، بولۇپمۇ 20 - ئەسىردە قۇرۇلغان 2 جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ياۋرۇپادا ياشاۋاتقان تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ قىزغىن ئالقىشلىشىغا ئېرىشكەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.