مېركىلنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى تەلەپ قىلىندى

0:00 / 0:00

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىل خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تەلەپ قىلىندى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىل خانىم 24-ماي كۈنى گېرمانىيەدىكى 20 دىن ئارتۇق سودا گۇرۇھىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ 3 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى رەسمىي باشلىدى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە خىتاي تەرەپ بىلەن ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، كىلىمات مەسىلىسى، ئادىل سودا رىقابىتى، ئىران مەسىلىسى، ئىككى تەرەپنىڭ سودىغا مەبلەغ سېلىش مەسىلىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە مەسىلىلەردە سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى مەتبۇئاتلاردا ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مېركىل خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى، ئۇ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن 2005-يىلىدىن بۇيانقى 11-قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ، ئۇ خىتايغا يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، سىياسىي ئاكتىپلار بايانات ئېلان قىلىپ ياكى باش مىنىستىر مەھكىمىسىگە مەكتۇپلار يوللاپ، نۆۋەتتە ئېغىر مىللىي باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئوچۇق سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلىشقان.

د ئۇ ق ۋە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى قاتارلىقلار ئانجىلا مېركىل خانىمغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خاتىرىلەتكەن تەشكىلاتلار جۈملىسىدىندۇر. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، د ئۇ ق نامىدا 22-ماي كۈنى مېركىل خانىمغا يوللانغان مەكتۇپتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەكتۇپنىڭ ئاساسى مەزمۇنىدىن بىزنى خەۋەردار قىلدى.

خەتەر ئاستىدىكى خەقلەر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى 22-ماي ئېلان قىلغان «باش مىنىستىر خىتايغا بارىدۇ، سودا-تىجارەتنىڭ تەرەققىياتى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرەلمەيدۇ» ناملىق باياناتىدا، گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي ھەمكارلىقلىرى تەرەققىياتىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا ھېچ ھەسسە قاتالمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر كەبى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىكى زۇلۇمنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى باياناتىدا يەنە، خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي توقۇنۇشنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش تەشەببۇسىدا بولغانلىقى ئۈچۈن قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىپ تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى، بارغانسېرى كۆپ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا مۇددەتسىز قامىلىپ قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ «ئۆزىنىڭ قانۇنىغا سىستېمىلىق ھالدا خىلاپلىق قىلىۋاتقان ۋە سەل قاراۋاتقان بىر دۆلەت ھەرگىزمۇ چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قازىنالمايدۇ، شۇنداقلا دۇنياۋى ھوقۇقلارغا بولغان مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلالمايدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە: «قانۇنىنىڭ مۇقىم ئىجراسى بولمىغان خىتايدا تەرەققىيات ئىزچىللىقىمۇ بولمايدۇ، پەقەتلا كوممۇنىستىك پارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ زوراۋانلىققا تايانغان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى بولىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە يەر بەرگەن.

21-ماي كۈنى يەنە گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن مېھرىبان خانىممۇ باش مىنىستىر ئانجىلا مېركىل خانىمغا قارىتىپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان. ئۇ گېرمانىيەدىكى «يۇرتۇم» تور سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان خېتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا نۆۋەتتە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ئېغىر مىللىي زۇلۇم ۋەزىيىتىنى ئەتراپلىق شەرھلىگەن. مېھرىبان خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئوچۇق خەتتىن يەر ئالغان مەزمۇنلار ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» ناملىق جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بولۇپمۇ، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى چېكىۋاتقان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك دەلىللىك ماتېرىياللارنى توپلاشقا كۆڭۈل بۆلمەكتە ئىكەن. 21-ماي كۈنى ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار كومىتېتىنىڭ 17-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسىنىڭ ياردەمچىسى كەللىي كۇرېي خانىم بۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى خېلىلا ئوچۇق شەرھلەپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.