«1.3 مىليارد خىتايغا تۇرامسەن ياكى ئۇيغۇرغىمۇ؟» شەرتىنى قويغان خىتاي گېرمانىيەدە رەسۋا بولدى (1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2015.06.29
esqerjan-xitay-konsuli-sun.jpg خىتاي كونسۇلى سۈن باۋارىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار سورۇنىدا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن ئۇقۇشماستىن ئىسىم كارتىنى ئالماشتۇرۇپ، بىرگە رەسىملەرگە چۈشۈپ بولۇپ، ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلگەندىن كېيىن قورقۇپ كېتىپ يېنىۋالغان. 2015-يىلى ئىيۇن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

خىتاي كونسۇلى باۋارىيە پارلامېنتىدا س پ د پارلامېنت باشلىقى ماركوس رېندەر ئەپەندىگە «1.3 مىليارد خىتايغا تۇرامسەن ياكى ئۇيغۇرغىمۇ؟» دېگەن شەرتنى قويىدۇ، ماركوس ئەپەندى بولسا «ئۇيغۇر دوستلىرىمغا تۇرىمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. خىتاي كونسۇلى رەسۋا بولىدۇ، ئەمما بۇ رەسۋالىق شۇ يەردىلا قالماي، 25-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيەدىكى مەشھۇر بىر گېزىت ئارقىلىق پۈتۈن گېرمانىيەگە تارايدۇ.

25-ئىيۇن كۈنى جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتىنىڭ «قالايمىقانچىلىق» ستونىدا ئېلان قىلىنغان «باۋارىيەنىڭ س پ د سى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن توقۇنۇشقا كىردى» ناملىق بىر خەۋەر كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. خەۋەردە گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيىنىڭ بىرى بولغان س پ د نىڭ باۋارىيە پارلامېنتىدىكى رەئىسى ماركوس ئەپەندىنىڭ خىتاي كونسۇلى ئوتتۇرىغا قويغان «يا 1.3 مىليارد خىتايغا تۇرىسەن، يا ئالتەتوكتوك ئۇيغۇرغا تۇرامسەن» دېگەن ئۇياتسىز شەرتىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك خىتاي تەرەپتە ئەمەس، ئاجىز ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن خىتاي كونسۇللىرىنىڭ سورۇننى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنلىكى بايان قىلىندى.

يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئەسلىدە باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن خىتاي كونسۇلى سۈن ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇقۇشماسلىق ھەمدە س پ د نىڭ سورۇنىدا دۆلەت ۋە مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن باراۋەر ئورۇن تۇتۇپ تۇرغان خىتايغا قارشى بىر ئۇيغۇرنىڭ بولۇشىغا خىتاينىڭ تاقەت قىلالمىغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىدەك مەزمۇنلار تىلغا ئېلىندى. خەۋەردە يەنە، ئىلھام توختى رەسىملىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ نورمال بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. لېكىن بۇ خەۋەر نەقەدەر قىزىقارلىق بولۇشىغا قارىماي باش-ئاخىرى تولۇق بولمىغان، چۈشىنىش قېيىن بىر خەۋەر ئىدى.

بۇ يەردە زادى نېمە ۋەقە يۈز بەردى؟ بۇ گېزىت نېمە دېمەكچى؟ نېمىلەرنى دېدى ۋە يەنە نېمىلەرنى دېمىدى؟ خىتاي كونسۇلى قانداقسىگە گېرمانىيەدىكى بىر كۈچلۈك پارتىيىنىڭ رەئىسىگە بۇنداق ئەخلاقسىز شەرتنى قويالايدۇ؟ جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى بۇ دىپلوماتىك سۈركىلىشنى قانداق بىلىۋالدى؟

بۇلارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، بۇ ۋەقەنىڭ سادىر بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئەسقەرجان ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بايانلىرىدىن شۇنىسى مەلۇمكى، بۇ ۋەقە 24-ئىيۇن كۈنى باۋارىيە پارلامېنتىدىكى ئىپتار سورۇنىدا يۈز بەرگەن. ئەسقەرجان كۆرۈشكەن بۇ خىتاي ياردەمچى كونسۇلىنىڭ ئىسمى سۈن رۇيىڭ. ئەسقەرجان ئۆزىنى «مەن بىر ئۇيغۇر» دەپ تۇرۇپ تونۇشتۇرغان بولسىمۇ، خىتاي كونسۇلى سۈن رۇيىڭ ئۆز ھۆكۈمىتى ئۆگەتكەن «ئۇيغۇر دېمەك-تېررورىست دېمەك» دېگەن تەلىماتنى دەرھال ئېسىگە ئالالمايدۇ. ئەسقەرجاننى ناھايىتى مەدەنىي، خۇشخۇي ئادەمكەن، دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىدۇ، ئارىلىقتا ئۇلار بىرگە رەسىملەرگە چۈشۈۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرىدۇ. بىراق ئىسىم كارتىلىرىنى ئالماشتۇرىدىغان چاغدا چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ. خىتاي كونسۇلى سۈن ئۆزىنىڭ بىلمەستىن قوقاسقا دەسسىۋالغانلىقىنى چۈشىنىپ قاتتىق چۆچۈپ كېتىدۇ. ئۆز دۆلىتىنىڭ 1-نومۇرلۇق دۈشمىنى بولغان د ئۇ ق ناملىق قورقۇنچلۇق تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىگە خېلىدىن بىرى سۈركىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئۇ مانا ئەمدىلا چۈشەنگەنىدى.

خىتاي كونسۇلى سۈننىڭ ئەسقەرجاندىن ئىسىم كارتىنى قايتۇرۇۋېلىشى ۋە رەسىملەرنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلىشىدىنلا ئۇنىڭ پىشقان بىر دىپلومات ئەمەسلىكىنى ھەمدە ئۆتكۈزگەن خاتالىق ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىنىڭ جازاسىدىن قورقۇۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولاتتى. ئەمما ئۇ، بۇنىڭ ئارقىدىنلا ئۆزىنى ھەم دۆلىتىنى رەسۋا قىلىدىغان ئىككىنچى خاتا قەدەمنى باسىدۇ. خىتاي كونسۇلى سۈن ئۆزىنىڭ دىپلوماتلىق نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ، س پ د نىڭ باۋارىيە پارلامېنتىدىكى رەئىسىگە تەھدىت سېلىشنى باشلىغانىدى. بىز ئۇنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ ئېغزىدىن ئاڭلايمىز. بۇلارنى ئەسقەرجانغا ماركوس ئەپەندى ئۆزى سۆزلەپ بەرگەن،. بىراق بۇلار جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتىدە تىلغا ئېلىنمىغان تەپسىلاتلار. ئىشنىڭ قىزىقى، بۇ ۋەقەنىڭ گېزىتتە ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدۇر. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنىڭ داۋامىنى كېيىنكى پروگراممىمىزدا دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.