خىتاي كونسۇلى سۈن باۋارىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار سورۇنىدا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن ئۇقۇشماستىن ئىسىم كارتىنى ئالماشتۇرۇپ، بىرگە رەسىملەرگە چۈشۈپ بولۇپ، ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلگەندىن كېيىن قورقۇپ كېتىپ يېنىۋالغانىدى. ئەسقەرجان شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى سۈرەتلەپ «خىتاي كونسۇلى چىرايلىرى بۇزۇلغان ھالدا ‹ئىسىمكارتامنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز، بىرگە چۈشكەن رەسىملەرنى يۇيۇۋەتسىڭىز› دەپ تولىمۇ بىچارە ھالەتتە ئۆتۈندى» دەيدۇ.
ۋەقەدە رول ئالغان ئۈچ تەرەپنىڭ بىرى باۋارىيەدىكى س پ د نىڭ پارلامېنت باشلىقى ماركوس، يەنە بىرى خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلى سۈن رۇيىڭ، ئۈچىنچىسى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان. ۋەقە 24-ئىيۇن كۈنى باۋارىيە پارلامېنتىدا يۈز بەرگەن.
ئەسقەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كونسۇلى سۈن ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن دۈشمەن سانايدىغان د ئۇ ق نىڭ بىر نەپەر خادىمى ئالدىدا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا س پ د پارلامېنت رەئىسى ماركوس ئەپەندىنى سەۋەبچى ھېسابلاپ، د ئۇ ق ئالدىدا رەسۋا بولغانلىقىنىڭ ئۆچىنى ئۇنىڭدىن ئېلىش نىيىتىگە كېلىدۇ-دە، «يا 1.3 مىليارد خىتاي تەرەپتە تۇرىسەن، ياكى ئالتەتوكتوك ئۇيغۇر تەرەپتە تۇرىسەن» دېگەن قاتتىق شەرتنى قويىدۇ. بۇ خىتاي كونسۇلى بىلەن بولغان دىئالوگنى ماركوس ئەپەندى ئەسقەرجانغا ئەينەن سۆزلەپ بېرىدۇ.
خىتاي كونسۇلى ئۆزلىرى كۈتكەن جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئىپتار سورۇنىدىن پېشىنى قېقىپ چىقىپ كېتىدۇ. خىتاي كونسۇللىرىغا بۇ قەدەر ئۇياتسىزلارچە قاتتىق شەرتنى قويۇشقا جاسارەت بەرگەن نەرسە، خىتاينىڭ خاس باۋارىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالىغان تەخمىنەن 40 مىليارد ياۋرولۇق ئىقتىسادىي كېلىشىمى ئىدى.
خىتاي بۇ قېتىمقى ۋەقەگە قەدەر، باۋارىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم پەشۋا يېگەن. بۇنىڭ بىرى، باۋارىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى سەھوفەر ئەپەندى بېيجىڭغا بارغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى باش شتابىنى تاقاش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەمما رەت قىلىنىدۇ. ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى باش كونسۇلى د ئۇ ق نىڭ گېرمانىيەدە قۇرۇلتاي چاقىرىشىنى مېنى قىلىشنى، گېرمانىيەدىكى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلتايلىرىغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلغاندا، رەت قىلىنىدۇ، ئەكسىچە بۇ خىتاي كونسۇلى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ باۋارىيەدىكى مەسئۇلى مارگارىتا باۋزى خانىم تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلاشتەك جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغان» دەپ ئەيىبلىنىپ سوتقا بېرىلىدۇ. ئۈچىنچىسى، خىتاي ئېلان قىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىدىكى 11 شەخسنىڭ ئۈچ نەپىرى گېرمانىيەدە بولۇپ، دولقۇن ئەيسا، ئابلىمىت تۇرسۇن ۋە ئابدۇجېلىل قاراقاش قاتارلىقلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا رەت قىلىشقا ئۇچرايدۇ. بۇلار بىر قانچە يىللار ئىلگىرىكى ئىشلار ئىدى.
خىتاي ئۈچۈن بۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ يامان بولغان تەرىپى، س پ د نىڭ باۋارىيەدىكى پارلامېنت رەئىسى ماركوس ئەپەندى بۇ ۋەقەنى جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتىدە ئېلان قىلىۋېتىدۇ. ئەسقەرجان ئەپەندىمۇ بۇ ۋەقە ھەققىدە مەزكۇر گېزىتنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
بۇ خەۋەر «باۋارىيەنىڭ س پ د سى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن توقۇنۇشقا كىردى» دېگەن تېمىدا 25-ئىيۇن كۈنى جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 2970 دىن ئارتۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆچۈرۈپ تارقىتىلىپ، خىتاينى تېخىمۇ بەك رەسۋا قىلىدۇ.