گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي، گېرمانىيە سۆھبىتى ھەققىدە دوكلات يېغىنى ئويۇشتۇردى

0:00 / 0:00


24-نويابىر گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا، 8-ۋە 9-نويابىر كۈنلىرى خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 14-قىتىملىق «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەسىلىسى دېئالوگى» نىڭ نەتىجىسىدىن دوكلات بېرىش يېغىنى ئويۇشتۇرۇلغان.

بۇ يىغىنغا گېرمانىيەدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى پائالىيەتچىلىرى، خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتچىلىرى، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن باشقا، گېرمانىيە پارلامېنتلىرىنىڭ ئەزالىرىمۇ قاتناشقان.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومتېتىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 8-ۋە 9-نويابىر كۈنلىرى خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 14-قىتىملىق «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەسىلىسى دېئالوگى» غا قاتناشقان گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى كۆفلىر خانىم بۇ قىتىملىق ئۇچرىشىشتىن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدىرەك دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئارىسىدا 2003-يىلىدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەسىلىسى دېئالوگى» نىڭ ھەر قېتىملىق ھارپىسىدا، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتلىرى ئۇيغۇر، تېبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ دوكلاتىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى توپلاپ، ئۇنى خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر دىئالوگ سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.

بۇ قېتىملىق «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەسىلىسى دېئالوگى» مۇناسىۋىتى بىلەن 19-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى گېرمانىيە پارلامېنتى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىدا، 26-ئۆكتەبىر بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىگە جايلاشقان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار باشقارمىسىدا بۇ مەسىلە توغرىلىق مەلۇمات توپلاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغانىدى.

ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان بۇ دېئالوگدا خىتاي تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە ئىجابىي نەزەردە باقمايۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، بۇ دىئالوگ ئىزچىل داۋام قىلماقتا.