0:00 / 0:00
د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 28 - ئىيۇل كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا يەكەن ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ نامايىشقا ميۇنخېن شەھىرى ۋە ئەتراپ رايونلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن باشقا، تۈرك تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى ھەمدە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرىمۇ قاتناشتى.

نامايىش سائەت 14:00 دىن 16:00 گىچە ئىككى سائەت داۋاملاشتى. نامايىشچىلار يەكەن ۋەقەسىدە قەتلى قىلىنغان شېھىتلارنى ئەسلەپ، خىتاينىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىدى.