«گېرمانىيە-خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىيات دىئالوگى» ھارپىسىدا گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇردى

0:00 / 0:00

خىتاي باش مىنىستىرى ئىلى كېچىياڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى 9-ئىيۇل كۈنى «گېرمانىيە-خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىيات دىئالوگى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن بېرلىنغا يېتىپ كېلىدىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان «ئىقتىسادىي تەرەققىيات دىئالوگى» نىڭ ھارپىسىدا گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى قاتتىق جانلانماقتىكەن.

6-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ نامىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا يېزىلغان ئوچۇق خەت ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر ئوچۇق خەتتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ دەۋرىدە «بىر يول، بىر بەلۋاغ» ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئوچۇق خەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ دېلوسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قاتتىق تەنقىدلەنگەن.

«ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى 6-ئىيۇل كۈنى ئەتىگەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 9-ئىيۇل كۈنى باشلىنىدىغان «گېرمانىيە-خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىيات دىئالوگى» دىن ئىلگىرى مەزكۇر خەتنى ئېلان قىلغانلىقى، بۇنىڭ سەۋەبى ۋە ئوچۇق خەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار ھەققىدە توختالدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە «گېرمانىيە-خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىيات دىئالوگى» دىن ئىلگىرى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نامىدىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركىل خانىمغىمۇ بىر پارچە ئوچۇق يازغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مېركىل خانىمغا يېزىلغان ئوچۇق خەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتتە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى مەسىلىسى ۋە ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ 6-ئىيۇل كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «گېرمانىيە-خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىيات دىئالوگى» مەزگىلىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئورۇنلاشتۇرغان بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئاڭلاتتى.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ميۇنخېن شەھىرى ۋە گېرمانىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى جىددىي تەشكىللەۋاتقان بولۇپ، ئۇلار 9-ئىيۇل كۈنى شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دا خىتاي باش مىنىستىرى ئىلى كېچياڭنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.

پەرھات مۇھەممىدى يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن «خىتاي-گېرمانىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات دىئالوگى» دىن ئىلگىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئىككى دۆلەت سۆھبىتى مەزگىلىدە «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە قامالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭمۇ «خىتاي-گېرمانىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات دىئالوگى» دىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار توغرىلىق گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاپ، باياناتلار ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

5-ئىيۇل كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆز تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبىتىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى، خىتاي ئادۋوكات ۋاڭ چۈەنجاڭ، تىبەت تىلىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغۇچى تاشى ۋاكچۇك، شىۋېتسىيە پۇقراسى گۇي مىڭخەي ۋە خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلگەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى لىيۇ شياۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيا قاتارلىق 6 كىشىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.