غەربلىك كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىغا قۇلاق سېلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00


خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى غەرب ئەللىرىدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قاتتىق جەلپ قىلدى.

ئۇلار بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىدە ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ئشلىنىش ئۇسۇلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋاقتىنىڭ مۇھىملىقىغا قاراپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاينىڭ سىياسىتى ھەتتا دۇنيا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تۆۋەندە سىلەر مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 30 - ئاپرىل كۈنى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى ۋەقەدىن كېيىن خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ شىددەت ۋەقەلىرىنىڭ خاراكتېرى، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇندىن كېيىن قانداق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە قىزغىن مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بارماقتا. بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەرگە قارايدىغان بولساق، كۆزەتكۈچىلەر مۇلاھىزىلىرىدە بىردەك، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانسېرى تەشكىللىك، بارغانسېرى سوغۇققان ۋە يارىتىۋاتقان ئەكس ساداسىنىڭمۇ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشكەن. ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان مۇھاپىزەتچى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتايدىكى تېررورلۇق - خەلقئارا ئۆلچەم» ماۋزۇلۇق مۇلاھىزىدە ۋەقەنى پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ، دەل خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، «تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش» نى تەكىتلەۋاتقاندا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئىنتايىن يېقىن، ۋاقىت جەھەتتىنمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە قوزغايدىغان بىر ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر ھەرىكەت، دەپ باھالانغان. مۇلاھىزىنىڭ ئاپتورى فىلىپ پوتتېر مۇنداق دېگەن :

- ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارادا دىققەتكە ئېلىنماي كەلگەن، چۈنكى غەرب مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن قوراللارنىڭ ئىپتىدائىيلىقى ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننىڭ ئازلىقىغا قاراپلا ئۇنىڭغا سەل قارىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ناھايىتى تېزلىك بىلەن جىمىقتۇرۇپ، ئۇستىلىق بىلەن يوشۇرۇپ كەلگەن. ئەمما ئەھۋال ھازىر باشقىچە. ئۇيغۇرلار ھازىر نەگە ھۇجۇم قىلىشنى، قانداق ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىشنى ۋە قانداق قىلغاندا چوڭ سادا پەيدا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ بولدى.

فىلىپ پوتتېر ماقالىسىدە يەنە، ھازىر پاكىستان ۋە ئافغانىستاندا تەربىيە كۆرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ كۈچلەر دىققىتىنى خىتايغا ئاغدۇرغان تەقدىردە، خىتاينىڭ تېررورلۇقنىڭ مەركىزى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرىنى دىققەتكە ئېلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ «بۇ ھۇجۇمچىلارنىڭ قولىدا ھازىر پەقەت پىچاق بىلەن ئۆزى ياسىۋالغان بومبا بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا خىتاينىڭ سىياسىتىنى ۋە ھەتتا خەلقئارا سىياسەتنى ئۆزگەرتكۈدەك يوشۇرۇن كۈچ بار» دەپ مۇلاھىزە قىلغان.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دېپلوماتىيە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ۋىتنېي كەسسېل تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە تەيۋەن مەسىلىسىگە كەلگەندە ھەددىدىن زىيادە گۇمانخورلۇق پوزىتسيىسىدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە ئىنتايىن قاتتىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ، ھەتتا ھېچكىمگە زىيان بەرمەي ئۆزىنى كۆيدۈرگەن تىبەت راھىبلىرىغىمۇ قاتتىق زەربە بەرگەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىياسىتىنىڭ ئۆزلىرى ئويلىغاندەك مۇقىملىق يارىتىش ئەمەس، ئەكسىچە ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۈۋەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. ۋېتنىي كەسسېل مۇلاھىزىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا داۋاملىق تۈرمىگە قاماش، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنى تەدرىجى ھالدا رادىكاللىققا قىستاپ باردى، ھازىرقى ۋەزىيەت بولسا بارغانسېرى خىتاي ئۈچۈن خەتەرلىك يۆنىلىشكە قاراپ ماڭماقتا، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارانىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قوللىشىمۇ كۈچىيىپ كەتتى، دەپ يازغان. ئۇ يەنە، خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىغا قارىماي ئۆزىنىڭ بىلگەن پەدىسىدە ئىش قىلىۋېرىپ، ئەمەلىيەتتە ئۆزى ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك بىر ئەھۋال شەكىللەندۈرۈپ قويغانلىقىنى، شۇڭا ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپلەپ خىزمەت پۇرسىتى يارىتىشى، دۆلەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇشى، يەرلىكلەرگە ئوقۇش - مائارىپ پۇرسىتى بېرىشى كېرەك. ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندا چوقۇم ئەدلىيە تەرتىپلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۇيغۇرلاردا ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈنلا يارالمىغان، دەيدىغان ئىدىيىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. بۇ رايونغا مەبلەغ سالغاندا خىتاي پۇقرالىرىنى مەنپەئەتلەندۈرۈشنى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي مەنپەئەت بېرىشنى چىقىش قىلىش كېرەك.

ئاپتور يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي بېسىم مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىدىن بەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنغا قىلىۋاتقان چەكلىمىسىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى چەكلىمىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئېلىنى كىشىلىك ھوقۇق جەننىتىگە ئايلاندۇرۇشىنى كۈتكىلى بولمىسىمۇ، ھازىرقى سىياسەتلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئازراق قەدەم تاشلىسىمۇ ئۇيغۇرلاردا پەيدا بولغان بۇ قاتتىق نارازىلىقنى پەسەيتىشكە پايدىسى بولىدىغانلىقىنى، تاشلانغان كىچىككىنە قەدەملەرنىڭ ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىنى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ قېيىنچىلىقىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇھاپىزەتچى گېزىتىدە جوناتخان كېيمەن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يەنە بىر مۇلاھىزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلماي تۇرۇپ، ئەمدى مۇقىملىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ ۋەقەلەر ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي، مىللىي بېسىم سىياسەتلىرىدىن، مىللىي كەمسىتىش، ئىقتىسادتا چەتكە قېقىش قاتارلىق سىياسەتلىرىدىن كېلىپ چىققان. مۇلاھىزىدە ئىسرائىلىيىدىكى خايفا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مۇتەخەسسىسى يىتجاك سىشورنىڭ سۆزىگە يەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن : ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ ھۇجۇملارنى قىلغانلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقى جەھەتتە ئاجىزلىقىنى، يېڭىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلغان. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ھېچقانداق تاللاش يولى قالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئۇلار ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇلغان ۋە ئۇلارنىڭ جېنىدىن باشقا دوغا تىكىدىغان ھېچنىمىسى يوق» دېگەن. ماقالە داۋامىدا مۇلاھىزىسىگە يەر بېرىلگەن كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ، خاراكتېرىدىن پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىكتە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىق سەۋەب بولۇۋاتقان ۋە كىشىلەر ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.